Uyghur主要词典
موگو
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
بىئولوگىيە
بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار كلاسى، قالپاقلىق زەمبۇرۇغلار ئائىلىسىدىكى ئۇزۇن قىلىنىدىغان بىر خىل زەمبۇرۇغ. قاتلاقلىرى يۇمران ۋاقتىدا ئاچ بېغىر رەڭ بولۇپ، كېيىن قارىيىدۇ. سېپى ئۈستىدە ھالقىسى بولىدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچىسىنىڭ ئۆسۈشىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ℃22، خالتا تەنچىسىنىڭ بولسا ℃16 ئەتراپىدا بولىدۇ. ئات، كالا تېزەكلىرى ياكى چوشقا قىغى، شال پاخىلى ياكى مەڭگەن بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، دۆۋىلەپ چىرىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆستۈرگۈچىسى قىلىنىدۇ. ئادەتتە كۈز، قىش ۋە ئەتىيازدا ئۆستۈرۈش ئەڭ مۇۋاپىق، دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆستۈرۈلمەكتە.