Uyghur主要词典
موڭغۇللار
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
ھەر يىلى7 -،8 - ئايلاردا، موڭغۇل چارۋىچىلار چوڭلارنى يۆلەپ، كىچىكلەرنى يېتىلەپ، بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ماشىنىلىق ياكى ئاتلىق يايلاققا يىغىلىپ، يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان نادام بايرىمىغا قاتنىشىدۇ، «نادام» موڭغۇلچىدا كۆڭۈل ئېچىش، ئويناش دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھەر قېتىم بۇ خىل ئەنئەنىۋى يىغىلىش بولغاندا، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكى تىنچ يايلاق بىردىنلا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈلىدۇ. خەتەرلىك، تەسىرلىك ئويۇن − ئات بەيگىسى، ئاتقان ئوقى زايە كەتمەيدىغان ماھىرلارنىڭ ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى، پالۋانلارنىڭ چېلىشىش مۇسابىقىسى قىزىپ كېتىدۇ، ماھىرلارنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى، كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ناخشا - ئۇسسۇل ۋە ھەر خىل نومۇرلار كىشىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە تارتىدۇ.
»موڭغۇل« دەسلىپىدە موڭغۇللار رايونلىرىدىكى نۇرغۇن موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ بىرى ئىدى، كېيىنچە مىللەتنىڭ نامى بولۇپ قالغان. مىلادىيە13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، چىڭگىزخان موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، موڭغۇل قاغانلىقىنى قۇرغان بولۇپ، بۇ قاغانلىق كېيىنچە ياۋروپا ۋە ئاسىيادىن ھالقىغان بۈيۈك ئىمپېرىيە بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ نەۋرىسى قۇبلايخان يۈەن سۇلالىسىنى قۇرغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، تاشقى موڭغۇلىيىمۇ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى بولغان. موڭغۇللار شەكىللىنىش جەريانىدا ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى ياراتقان. كېيىنچە، يۈەن سۇلالىسىنىڭ تۇنجى دۆلەت ئۇستازى، شىزاڭلىق لاما باسپا كونا موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا يېڭى موڭغۇل يېزىقىنى ئىجاد قىلغان. بۇ يېزىق بىرنەچچە قېتىم ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن، تود موڭغۇل يېزىقى دەپ ئاتالغان بولۇپ، تاكى بۈگۈنگىچە ئىشلىتىلمەكتە.
بۈگۈنكى كۈندە يايلاقتا قوي، ئۆچكە، سەنخې ئېتى، ئۇجۇمچىن كالىسى ۋە ئالاسان تۆگىسى قاتارلىقلار توپ - توپى بىلەن يايلىماقتا ۋە كۆپەيمەكتە. ئوتلاقلارنى قاشالاش، چارۋىلاردا بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ۋە چارۋا نەسلىنى ياخشىلاش قاتارلىق تەدبىرلەر چارۋىچىلىقنىڭ گۈللىنىشىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. تۇپرىقى مۇنبەت خېتاۋ (ئوردوس) تۈزلەڭلىكىنىڭ »ئاشلىق ئامبىرى« دېگەن نامى بار، شەرقتىكى جېلىمۇ دېھقانچىلىق رايونى خېتاۋدىن قىلىشقۇسىز تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇ يەردە ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، سۈپۈرگە قوناق، قىزىلچا، پۇرچاق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. شىمالدىكى چوڭ ھىنگان تېغىدا ياغاچ ماتېرىياللىرى، دورا ماتېرىياللىرى، ئەتىۋارلىق قۇش ۋە ھايۋانلار ئىنتايىن مول. موڭغۇل خەلقى بۇ تەبىئىي بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇردى.
موڭغۇللارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇلار قىشتا جۇۋا كىيىدۇ، سىرتىغا يىپەك ياكى پاختىلىق كىيىم كىيىدۇ، يازدا رەختتىن تىكىلگەن يەكتەك كىيىدۇ، يەكتەك كەڭ تىكىلىدىغان بولۇپ، ئۇدۇل چاك ئېچىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئەزەلدىن موڭغۇل يەكتىكى دېگەن نامى بار. ئۇلار بېلىگە بەلۋاغ باغلايدۇ، بەلۋاغقا ھەميان ۋە پىچاق ئاسىدۇ. موڭغۇل ئاياللىرى بېشىغا ياغلىق چېگىشنى ياخشى كۆرىدۇ. موڭغۇللار كالا، قوي گۆشىگە ۋە سۈت يېمەكلىكلىرىگە، شۇنداقلا قىزىل چايغا ئامراق. ئۇلار يۇمىلاق چېدىردا تۇرىدۇ، چېدىرلار كۆپىنچە ياغاچتىن ياسالغان چەمبەرسىمان قورشاۋ تام ۋە كۈنلۈك شەكىلدىكى تېرەكلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، چېدىرنىڭ ئۈستى ۋە چۆرىسى قېلىن كىگىز بىلەن ئورىلىپ، ئارغامچا بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. چېدىرنىڭ ئۈستىگە تۈنلۈك قويۇلغان بولۇپ، شامال ئۆتۈشتۈرۈش ۋە يورۇق چۈشۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. دېھقانچىلىق رايونىدىكى موڭغۇللار خەنزۇلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشقاچقا، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولغان. ئۇلار بىر مەزگىل لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلغان بولۇپ، كۆپلىگەن بۇتخانىلارنى سالدۇرغان، لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ سانى پۈتكۈل مىللەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يېتىدۇ.
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، موڭغۇللارنىڭ تۇرغۇت قەبىلىسى قاتمۇقات توسالغۇلارنى بۆسۈپ تاشلاپ، چارروسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، ۋولگا دەرياسى بويىدىن ۋەتىنىمىزگە قايتىپ كەلگەن.2 - قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قۇرتچىن خاقانى سېڭگېلىنچىن موڭغۇل ئاتلىق قىسىملىرىغا باشچىلىق قىلىپ، ئەنگلىيە - فرانسىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. ھازىر موڭغۇللار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلدى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىن باشقا شىنجاڭدا ئىككى موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، چىڭخەيدە بىر موڭغۇل، زاڭزۇ ۋە قازاق بىرلەشمە ئاپتونوم ئوبلاستى بار. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا يەتتە موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى بار.
دۇنيادىكى مىللەتلەر
موڭغۇللار ئېلىمىزدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 60 پىرسەنتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونىدا توپلىشىپ (2 مىليوندىن كۆپرەك) ئولتۇراقلاشقان؛ قالغان قىسمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى (137 مىڭ كىشى)، لىياۋنىڭ، جىلىن، خېيلوڭجياڭ، چىڭخەي، گەنسۇ، نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتونۇم رايونى، خېبېي، خېنەن، سىچۈەن، يۈننەن، بېيجىڭ قاتارلىق ئۆلكە (رايون) ۋە شەھەرلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 4 مىليون 806 مىڭدىن كۆپرەك.
موڭغۇللار ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى موڭغۇل تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە موڭغۇل تىلىنىڭ ئۈچ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، شىنجاڭ موڭغۇللىرى ئويرات دىئالېكتىنى ۋە تودۇ يېزىقىنى قوللىنىدۇ، موڭغۇللارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبەسى ئاساسىدا ⅩⅢ ئەسىرنىڭ بېشىدا يارىتىلغان، كېيىن كۆپ قېتىم ئىسلاھ قىلىنغان ئېلىپبەلىك <تودېن يېزىقى> دەپ ئاتىلىدىغان مىللىي يېزىقى بار ئىدى. ئىچكى موڭغۇل موڭغۇللىرى ھازىر خودۇ يېزىقىنى قوللىنىدۇ.ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى خەنزۇ ۋە باشقا مىللەت تىلىنىمۇ بىلىدۇ.
موڭغۇللار لاما دىنى نىڭمابا مەزھىپى (گېلۇ مەزھىپى) گە ئېتىقاد قىلىدۇ.
موڭغۇللار ئاساسەن چارۋىچىىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بەزىلىرى يېرىم چارۋىچىلىق، يېرىم دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. موڭغۇللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىپايان يايلاق بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان.
موڭغۇللارنىڭ ئەجدادلىرى ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا ياشىغۇچى قەدىمكى مىللەتلەردىن توڭغۇسلار، ھۇنلار، سيانپىلار، قىستانلار، شېرۋىيلار (سىۋىرلار) بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە موڭغۇل شېرۋىلىرى موڭغۇللارنىڭ ئاساسلىق ئېتنىك مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. موڭغۇل شېرۋىلىرى ئېرغۇنا دەرياسى ئەتراپىدا ياشاپ كەلگەن، مىلادى Ⅶ ئەسىردە غەربكە قاراپ كۆچۈپ موڭغۇل دالىسىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.
موڭغۇللار نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمكى مىللەت. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادىدىنىڭ تەۋەسىگە ئۆتكەن. مىلادى Ⅵ - Ⅶ ئەسىرلەردە شەرقىي تۈركلەرنىڭ تەسىرى دائىرىسىدە ياشىغان. 1206 - يىلى بورجىگېن جەمەتىدىن چىققان تىمۇرچىن (چىڭگىزخان) موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، موڭغۇل خانلىقىنى قۇرغان. خانلىق قۇدرەت تېپىپ، تەسىر دائىرسىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پېرىسىيە رايونىغا كېڭەيتكەن.
موڭغۇل كىگىز ئۆيلىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، تۆت ئەتراپى ئىنچىكە ياغاچلار بىلەن تور شەكلىدە كەرگە قىلىپ ياسىلىدۇ.
موڭغۇللار ئاساسەن بىر ئەر - خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ توي مەرىكىسى بەكمۇ قىززىق بولىدۇ.
موڭغۇللارنىڭ مېيتنى دەپنە قىلىش قائىدە - يوسۇنلىرى مۇنداق: چارۋىچىلىق رايونىدىكىلىرىدە بۇرۇن دالاغا دەپنە قىلىش ياكى مېيتنى دالاغا تاشلىۋېتىش دائىملىق ئەھۋال ئىدى. ئۇنىڭدا جەسەتنى بۆرە ۋە بۈركۈت، قاغا - قوزغۇنلارنىڭ يەپ كېتىشىگە قويۇپ بېرىلەتتى. قاغا قوزغۇنلار پۈتۈنلەي يېۋەتكەن بولسا خەيرىلىك دەپ تونۇلاتتى. ناۋادا 7 - كۈنىدىن كېيىن مېيت يەنىلا بولسا، ئۇنى بىتەلەيلىك دەپ قارىلاتتى. بەزى دېھقانچىلىق رايونلىرىدا كۆيدۈرۈش ئادىتىمۇ بار ئىدى.
موڭغۇللاردا ئاساسلىق نادام مەرىكىسى بىلەن چاغان (موڭغۇل يېڭى يىل بايرىمى)، ئوچاق پىرىغا ياغ پۇرىتىش بايرىمى، مەدىر بايرىمى ۋە ئايران بايرىمى قاتارلىق كۆپ خىل ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بار.
موڭغۇللار مېھماندوسىت، مۇلايىم ھەم ئەدەپ - قائىدىلىك مىللەت. ئۆزئارا ئۇچراشقاندا قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، تىنچ ئامانلىق سورۇشىدۇ. چوڭلار كىچىكلەرنى كۆرگەندە پىشانىسىغا سۆيۈپ قويىدۇ. چوڭلار ۋە زىيالىلارنى بەكمۇ قەدىرلەيدۇ. ئۇلارنى تۆرگە تەكلىپ قىلىپ، تائامنى شۇلاردىن باشلايدۇ. مېھمانلارغا بېيت بىلەن بوزا ياكى ھاراق، ناسۋال تۇتىدۇ، ئېزىز مېھمانلارغا تەزىم قىلىپ <خادا> تەقدىم قىلىدۇ.
موڭغۇللاردا ئاق رەڭنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنى سىمۋول سۈپىتىدە قوللىنىش ئادىتى بولۇپ ئۇنى پاكلىق، بەخت - تەلەي، ئالىيجانابلىقنى ۋە تىنچ ئامانلىقنى بىلدۈرىدۇ دەپ قاراپ ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ؛ قامچا تۇتقان ھالدا ئۆي ئىچىگە كىرىشنى ئېغىر ئالىدۇ، چۈنكى بۇ شۇم خەۋەردىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئادەتتە كىگىز ئۆينىڭ ئارقىسىغا كېلىپ ئاتتىن چۈشۈپ، قامچىسنى ئىگەرگە ياكى باشقا جايغا ئېسىپ قويۇش كېرەك. ئۆيگە كىرگەندە ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرۇش، ھەرگىز غەربىي شىمال بۇلۇڭىدا ئولتۇرماسلىق لازىم. ساھىپخان مېھماننى ئۇزۇتۇپ قايتقاندىن كېيىن، مېھمان ئاندىن ئاتقا مىنىپ يولغا چىقىشى كېرەك.
موڭغۇللار ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، مول تارىخىي يازما مىراس ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسىغا ئىگە مىللەت.
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى شەكىلىدىكى موڭغۇل يېزىقى بىلەن پۈتۈلگەن يازما تارىخىي مىراس <ئالتان توپچىيان> (موڭغۇل مەخپىي تارىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) موڭغۇللار تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يازما يادىكارلىق. <ئالتان توپچىيان> تەخمىنەن مىلادى ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا يېزىلغان بولۇپ، جەمئىي 282 بابقا بۆلۈنگەن، ئۇنىڭغا ئاساسەن چىڭگىزخاندىن بۇرۇنقى موڭغۇل خانلىقىنىڭ ئىچكى - تاشقى ئۇرۇشلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئەھۋالى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار قەيت قىلىنغان. سەلتەنەتلىك، كىلاسسىك بۇ ئەسەر ئەسلىدە، 12 جىلىدلىق ۋە 15 جىلىدلىق قىلىپ ئىككى خىل نۇسخىدا تەييارلانغان بولۇپ، بۇرۇنلا يوقىلىپ كەتكەن. موڭغۇللارنىڭ يەنە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە پۈتۈلگەن <ئالتان دەپتەر> بىلەن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە (1662 - يىلى) پۈتۈلگەن <ئېردىتىن توپچى> (<ئېسىل تارىخ نۇقتىلىرى> ياكى موڭغۇللارنىڭ ئەسلى مەنبەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دىن ئىبارەت ئىككى تارىخىي يازما يادىكارلىقىمۇ <ئالتان توپچىيان> بىلەن بىللە موڭغۇللارغا ئائىت ئۈچ چوڭ تارىخىي مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا <موڭغۇل - ئۇيرات قانۇن قامۇسى> مۇ بار.
موڭغۇللارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرى مول مەزمۇنلۇق ئېپوس، قىسسە، يېقىملىق خەلق رىۋايەتلىرى، چۆچەك، ماقال - تەمسىل ۋە خەلق ناخشا - قوشاقلىرى قاتارلىق كۆپ خىل ژانىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە <كۆك دەپتەر قىسسىلىرى> بىلەن قەھرىمانلىق ئېپوسى <جاڭغىر>، <گېسىر تەزكىرىسى> بىلەن <گادامېرىن> قاتارلىقلار بار؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە <جاڭغىر> ئېپوسى موڭغۇل كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى بۈيۈك نامايەندە بولۇپ، ئېلىمىز ۋە موڭغۇل كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى بۈيۈك نامايەندە بولۇپ، ئېلىمىز ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق ئەللەردە ياشىغۇچى موڭغۇللار ئارىسىدا بىر قەدەر كەڭ تارقالغان، دۆلەت چېگىرىسىدىن ھالقىغان قەھرىمانلىق ئېپوس ھېسابلىنىدۇ.
موڭغۇللار تارىخىدا مەشھۇر ئالىم سولۇنداش، گۇكگا ئۇسۇر، ماتېماتىك - مىڭ گانتۇ، تارىخچى تۇتۇ، تېمىرداش، ئۇلۇغ سىياسىئون چىڭگىزخان، مۇتەپەككۇر لوپسىن چۆرىن، تىۋىپ موئېرگىن، ئەدىب يىنجاناش، خاسىبۇ، ساقتىر قاتارلىق مەشھۇر ئەربابلار ئۆتۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن موڭغۇل ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان.
موڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيتى ئىچىدە چېلىشىش ئۆزگىچە مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە. چېلىشىش مۇسابىقىلىرىنىڭ كۆلىمى زور، ئۇنىڭغا قاتنىشىدىغانلارمۇ كۆپ بولىدۇ. تۆگە بەيگىسى، ساداق ئېتىش قاتارلىقلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. بۇ كۆپىنچە كۈز پەسلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. موڭغۇللارنىڭ تۇرمۇشى ئاتا - بوۋىسىدىن تارتىپ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان پەرھىزلىرى بىر قەدەر كۆپ. موڭغۇللارنىڭ كىگىز ئۆيلىرىنىڭ كەينىدە بىر تال موما ياغاچ تىكلەكلىك بولۇپ، ئادەتتە يات كىشلەر بۇ ياغاچقا يېقىنلاشمايدۇ. موڭغۇللار ئوچاقتىكى ئوتتىن، باش كىيىم، ياستۇق، شىرە، قۇدۇق ۋە ئارغامچا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۈسىتىدىن ئاتلاپ ئۆتمەيدۇ؛ ئۆتۈك، پايپاق، ئىشتان قاتارلىق نەرسىلەرنى بېشىغا قويۇپ ياتمايدۇ؛ كېيىم - كېچەكلەرنى ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتمايدۇ. ھايۋانلارنى سويغاندا ھەرقانداق ئەھۋالدىمۇ ھايۋاننىڭ بېشىنى تېنىدىن ئايرىۋەتمەيدۇ.
موڭغۇللار ئوتنى پاك، مۇقەددەس دەپ بىلىدۇ، شۇڭا چىراغ نۇرىنى مۇقەددەسلىكنىڭ نامايەندىسى ، يورۇقلۇقنىڭ ئەلچىسى، ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، ئۈمىدنىڭ سىمۋولى، دەپ قارايدۇ.