Uyghur主要词典
مۆمىن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چارە - ئامالى يوق، ھالى - كۈنى ناچار.
تىرىك بىچارىدىن ئۆلۈك باتۇر ئارتۇق. بىچارە ھاياتتىن مەزمۇنلۇق ئۆلۈم ئەلا. بايقۇشنىڭ بويىندىن يىپ كەتمەيدۇ. ياۋاش يولدا قالىدۇ. مۆمىن ئاش تاپسا، قوشۇق تاپالمايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى.
<مۇسلىم>، <مۆمىن> لەر ئايرىم ھالدا ئۇچرايدۇ.
مۇسۇلمان ئاشخانىسى؛ مۇسۇلمان مىللەتلەر. ۋەز ئېيتقۇچىغا بۇ سۆز تەگسىمۇ ئاچچىق، يامان، مەن ئېيتالماسمەن <مۇسۇلمان> دەپ ئۇلارنى ھېچقاچان. ب د ت نوپۇس ستاتىستىكا كومىتېتى 1985 - يىلى ئېلان قىلغان مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا 921 مىليون مۇسۇلمان بولۇپ، دۇنيا ئاھالىسىنىڭ 18.85 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. ئەلھەمدۇللا مىسلىم مەن، - دېدى بىرى. سەللىسى مۆمىن، ئۆزى كاپىر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىر - بېسىق، غەلۋىسى يوق.
مېھمان قويدىنمۇ ياۋاش. شىر ھەرقانچە ياۋاش بولسىمۇ، قولۇڭنى ئاغزىغا تىقما. رايىش موللام زاكات ئالار. قەھرىتان قىشتا توڭگۇزمۇ مۆمىن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ياۋاش - يۇمشاق، چارە - ئامالسىز، كۈچ - قۇۋۋەتسىز.
ئۆكتەم ، مۇتىھەم، بىشەم
زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىدىغان، يولسىز.
قەھرىتان سوغوقتا قاۋانمۇ مۆمىن. ئۆمەر بېگىم ئوڭدا يېتىپ پولۇ يېدى، مامۇت مۆمىن بوغداي تېرىپ دۇمبا يېدى. بايقۇشنىڭ بارىدىغان يېرى يوق، قورسىقى يېرىم ئاچ، يېرىم توق. ئۆكتەم يولداش بەش كۈنلۈك، بىشەم خوتۇن بىر كۈنلۈك. مۇتىھەم كىمنىڭ ئېشىنى يېسە، شۇنىڭ بېشىنى يەر.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «ئىمان ئېيتقۇچى» دېگەنلىك بولىدۇ. (1) كىتابلىرىدا بۇ سۆز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان قۇلدارلارغا ۋە ئىمانى بار كىشىلەرگە ئىشلىتىلگەن. (2) «قۇرئان كەرىم» دە قەدىمىدە بىر ئىلاھقا ئىشىنىدىغانلار شۇنداق ئاتلىپ، «ئەھلى كىتابلار» دېيىلىگەن. (3) «قۇرئان كەرىم» دىكى 23 - سۈرىنىڭ نامى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئەرەبچە
<دىن> خۇدانىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئىمان ئېيتقان كىشى، مۇسۇلمان.
- ئى خۇدايا، مۆمىنلىرىڭنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل ئەت! - دەپ شىۋىرلىدى ئۇ ساقىلىنىڭ ئۇچىنى چىشلەپ.
سۈپ. كۆچمە. ئىشەنچلىك؛ ياۋاش، ئىتائەتمەن.
- قولۇڭدىن كېلىشىچە تەييارلىق كۆرۈپ، قىزىڭنى ياخشى تەربىيىلەنگەن، ئوبدان مۆمىن بىر كىشىگە نىكاھلاپ بەر، - دېدى ئانا.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
<مۇئمىن>