Uyghur主要词典
مۆلە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئات - ئۇلاغنىڭ ئۈستىگە توقۇلىدىغان جابدۇق. <ئىگەر> ئومۇمىي.
<چوم> كۆپىنچە تۆگىنىڭ.
<ئۇچۇلۇق>، <مۆلە> لەر ئېشەكنىڭ.
ئات ئالغۇچە، ئېگەر تاپ. ئاتتىن ئايرىلساڭ ئايرىل، ئېگەر - توقۇمدىن ئايرىلما. چومى ئالمىشىپتۇ. تۆگىسى يەنە شۇ. ئېشەك ھاراق ئىچسە، ئۇچۇلۇقىنى سوۋغات قىلار. مۆلىسى يوق ياۋىداق ئېشەكنى مىنمە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئېشەككە توقۇش ئۈچۈن كىگىز ۋە پالاسنى قەۋەتلەپ، شىرىپ تىكىلگەن توقۇم.