Uyghur主要词典
مۆھۈر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياغاچ، تۇچ، كۈمۈش، سۆڭەك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارغا ئىدارە ياكى شەخىسنىڭ نامى ئويۇلۇپ ياسالغان، ھۆججەتلەرگە بېسىلسا، شۇلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگە.
«تامغا» ، «پېچەت» لەر ئىدارە - جەمئىيەتلەرنىڭ.
«مۆھۈر» قازى ئاخۇنۇملارنىڭ.
«تۇجاڭزا» ، «چوزا» شەخسنىڭ.
ياش ۋاقتىدا قىلغان ئىبادەت تاشقا تامغا باسقاندەك، قېرىغاندا قىلغان ئىبادەت قۇمغا تامغا باسقاندەك. پوچتا پېچىتى بېسىلغان ماركا ئىشتىن چىققان بولىدۇ. قۇلۇمدا قازى ئاخۇنۇمنىڭ مۆھۈرى بېسىغان خەت بار. ھازىر تۇجاڭزا، چوزىلار ئانچە ئىشلىتىلمەيدۇ، ئىمزا ئىناۋەتلىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تامغا.
مۆھۈر باسماق.
ياشلىقىڭدا ئۆگەنگەن تاشقا مۆھۈر باسقاندەك، قېرىغاندا ئۆگەنگەن قۇمغا مۆھۈر باسقاندەك (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پادىشاھ سارايلىرىدا مۆھۈر تۇتقۇچى ئەمەلدار.
- ئەرزگە بارلىق مۆھۈردارلار، ئاقساقال، يۈز بېشىلار مۆھۈر باسسۇن، - دەپتۇ پادىشاھ.