Uyghur主要词典
مىللىي پارلامېنت
دۇنيا تارىخى
ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرى فرانسىيە ئۈچىنچى تەبىقىنىڭ ۋەكىللىرى قۇرغان قانۇن چىقىرىش ئورگىنى 1789-يىلى ئۈچ تەبىقە يىغىنى مەزگىلىدە، كورۇل باشچىلىقىدىكى ئىمتىيازلىق تەبىقە ئۈچىنچى تەبىقە ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ تەبىقە بىرلىككە يىغىن ئېچىش، ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى بىرلىكتە تەكشۈرۈش ۋە ئادەم سانى بويىچە ئاۋاز بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپكەقارشى تۇرغان. 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈچىنچى تەبىقىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆز ئالدىغا ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ، سىيېسنىڭ تەشەببۇس ئاستىدا، 17-ئىيۇندا مىللىي پارلامېنت تەشكىل قىلىپ، بائىلنى پارلامېنت باشلىقلىقىغا سايلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قارار ماقۇللاپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بۆلۈنمەيدۇ، مەملىكەت بويىچە بارلىق باج - سېلىق بىكار قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن مىللىي پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىلا باج يىغىشقا بولىدۇ، كورۇلدا مىللىي پارلامېنت قارارلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقى بولۇشى ئىنكارق ىلىنىدۇ، دەپ جاكارلىغان. 6-ئاينىڭ 20-كۈنى كورۇل ئۈچ تەبىقە يىغىن زالىنى پېچەتلىگەن، مىللىي پارلامېنت يېقىن ئەتراپتىكى تېننىس توپ مەيدانىدا داۋاملىق يىغىن ئېچىپ، <تېننىس توپ مەيدانىدىكى قەسەم> نى ئېلان قىلغان. 23-ئىيۇندا كورۇل خان سارىيىدا يىغىن چاقىرىپ، بۇ پارلامېنتنىڭ بارلىق قارالىرىنى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاپ، ئۈچ تەبىقە ۋەكىللىرىنى ئايرىم - ئايرىم يىغىن ئېچىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئۈچىنچى تەبىقىنىڭ ۋەكىللىرى بۇيرۇقنى رەت قىلغان ھەمد مىرابونىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ۋەكىللەر دەخلىسىز دېگەن قارارنى ماقۇللىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىمتىايزلىق تەبىقىنىڭ بىرمۇنچە ۋەكىلىرى ئارقا - ئارقىدىن مىللىي پارلامېنتقا قاتناشقان. 7-ئاينىڭ 9-كۈنى مىللىي پارلامېنت نامىنى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىغا ئۆزگەرتكەن.