Uyghur主要词典
مىللىي ئىتتىپاق
دۇنيا تارىخى
فرانسىيىدىكى ئوڭ قانات پارتىيىلەرنىڭ ئىتتىپاقى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فرانسىيىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرغان، 1919-يىلى جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىتتىپاقى، جۇمھۇرىيەتچى دېموكراتلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئوڭ قانات پارتىيىلەر بىرلىشىپ بۇ ئىتتىپاقنى تەشكىل قىلغان. ئۇلار شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، مىلېران، پۇئانكارې، برىئان قاتارلىق رەھبەرلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەن. ئۇلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، مەملىكەت ئىچىگە قارىتا مونوپول بۇردۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىنى كۈچىنىڭ بارىچە قوغداش، سىرتقا قارىتا گېرمانىيىنى قاتتىق چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، 1923-يىلى ئەسكەر چىقىرىپ رۇرنى بېسىۋالغان. سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق مۇداخىلە قىلىشقا قاتناشقان، <كىچىك ئانتانتا دۆلەتلىرى> نى تەشكىللەپ، ياۋروپانىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالاشقان. 1924-يىلدىكى سايلامدا <سول قانات ئىتتىپاق > تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، دەرھال پارچىلانغان.
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە لىبېرال بۇردۇئازىيە پارتىيىسى. 1859-يىلى 9-ئايدا ماين دەرياسى بويىدىكى فرانكفورتتا قۇرۇلغان بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى شتاتلىرىدىكى لىبېرال بۇرژۇئازىيىنىڭ تارقاق سىياسىي ئىتتىپاق تەشكىلاتى ئىدى. ئۇنىڭ ئاساسىي يادروسى 1849-يىلى 6-ئايدا فرانكفورت مىللىي پارلامېنتىدىن چېكىنىپ چىققان لىبېرال ئوڭ قانات ئۇنسۇرلار. ئاساسلىق رەھبەرلىرى بېننىگسېن (1824 - 1902) ۋە شۇلزې - دېلىچ (1808 - 1883) بولۇپ، تەخمىنەن 30 مىڭ ئاددىمى بار. ئاۋسترىيىنى قوغلاپ چىقىرىپ، پرۇسسىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن تۈزۈمدىكى پادىشاھلىق دۆلەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1866-يىلىدىكى پرۇسسىيە - ئاۋسترىيە ئۇرۇشى ۋە كېيىنكى يىلى شىمالىي گېرمانىيە فېدېراتسىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مىللىي لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشى بىلەن، 1867-يىلى ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن