Uyghur主要词典
مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى مەركىزىي كومىتېتى
دۇنيا تارىخى
1871-يىلدىكى فرانسىيىنىڭ پارىژدىكى مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ رەھبەلرىك ئورگىنى ۋە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى. 1871-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلغان، ۋارلېن قاتارلىق بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئەزالىرى قاتناشقان. 3-ئاينىڭ 18-كۈنى تىيېر ھۆكۈمىتى مىلىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنى قورالسىزلاندۇۇرشقا ئۇرۇنغانلىقتىن پارىژ خەلقىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭى پارتلىغان. كومىتېت 3-ئاينىڭ 18 - 28-كۈنلىرى ئەمگەكچى ئاممىغا پايدىلىق بولغان بىر قاتار پەرمانلارنى ئېلان قىلغان. ھاكىمىيەتنى پارىژ كوممۇنىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىنمۇ مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى بولغان ھەمدە پارىژنى قوغداش، ۋېرسال ھۆكۈمىتى ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشىلىق كۆرسىتىش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىغان.