Uyghur主要词典
مىل
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يىڭنە، سترىلكا.
سائەتنىڭ مىلى.* كومپاسنىڭ مىلى
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. ھەر قايسى ئەللەردە ئوخشاش ئەمەس. دېڭىز مىلى 1852 مېترغا، قۇرۇقلۇق مىلى 7420 مېترغا تەڭ.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۈرمە سۈرگۈچ، پەلكۈچ:
قەبرىدىكى خادا، تۇغ؛ ئۇچلۇق قۇببە:
بەلگە، مۇنار:
1. چەكتى شەيتان خەيلىنىڭ ئەينىغە مىل،
ھەم ئىنانىدە يۈرۈپدۇر جەبرەئىل.
زەلىلى.
2. ئاشىق مۇرادى دىلبەر، زاھىدغە مىلى مىنبەر،
ھاجى ھەرەمنى ئىستەر ھەق لامەكان ئەمەسمۇ؟
3. تۇرفە تەل ئەينىدە كىشتنى شامال،
مىلى ئىسكەندەرگە يەتكۈزدى نەھال.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆزگە سۈرمە تارتىلىدىغان سۇرمە چۆپ؛ ئۇچى ئىنچىكە، ئۆتكۈر(نەشتەرگە ئوخشاش) ئەسۋاب؛ قەبرىگە تۇغ قىلىپ قويۇلغان ياغاچ؛ بايراق ۋە مۇنارە ئۈستىگە ئورنىتىلغان ئۇچلۇق قۇببا؛ ئۇرۇشتا كىيىلىدىغان باش كىيمىنىڭ ئۇچى؛ بىر تاشلىق مۇساپىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىنغان مىنارە؛ بىر تاشلىق مۇساپە، ئارىلىق.
دۇنيا تارىخى
(1773 - 1836) ئەنگلىيىلىك مەنپەئەتپەرەس پەيلاسوپ، ئىقتىسادشۇناس ۋە تارىخشۇناس. ياش ۋاقتىدا ئېدىنبۇرگ داشۆسىدە ئوقۇغان. ئىلاھىيەتنى تەتقىق قىلغان. 1802-يىلى لوندوندا يېزىقچىلىق ۋە ژۇرنال تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. بىنتامنىڭ تەسىرى بىلەن 1808-يىلى مەنپەئەتپەرەسلىكنى تەشەببۇس قىلىشقا كىرىشكەن. ئۇنىڭ تارىخقا ئائىت ئاساسىي ئەسىرى <ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستان تارىخى> (3 توم) دا ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ كەتمىنىنى چاپقان. خاتا يەرلىرى ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭدىن باشقا <سىياسىي ئىقتىسادنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى>، <ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى ئەھۋالى ھەققىدە تەھلىل> قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
مىل - ئەسلىدە ئەنگلىيە ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى دەپ قارىلىدۇ. ئەمما <تارىخى رەشىدى> نىڭ مۇئەللىپى بۇ ئۆلچەم بىرلىكى بىلەن مۇساپە ئىپادىلىگەن. مەسىلەن بۇ كىتابتا: يەكەن دەرياسىنىڭ كەڭلىكى توغرىسىدىكى باياندا <بەزى جايلىرىنىڭ كەڭلىكى بىر ئۆلچەملىك مىل كېلىدۇ، ھەر قانداق بىر جاينىڭ چوڭقۇرلۇقى تۆت گەزدىن كەم ئەمەس> دېيىلگەن. باشقا يەرلىك تەزكىرە ۋە تارىخ كىتابلاردا <مىل> دېگەن ئۆلچەم نامى ئۇچرىمىغانىدى. ئىلگىرى ئەرەب ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئازدۇر - كۆپتۇر ئۇچرايدىغان بۇ نام ئەرەبلەردە 100 قەدەم ئۇزۇنلۇقنى بىلدۈرەتتى. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان بولۇشى تامامەن مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا ئۇ بۇ ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم نامىنى شۇ ئەسەرلەردىن قوبۇل قىلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا بۇ يەردە يېزىلغان <يەكەن دەرياسىنىڭ بەزى جايلىرىنىڭ كەڭلىكى 100 قەدەم> بولغان بولىدۇ. يەنى بىر مىل 100 قەدەمگە تەڭ بولىدۇ.
<بابۇرنامە دە يېزىلىشىچە: بىر مىل 4000 قەدەم بولىدۇ. بۇنى ھىندىستانلىقلار بىر كۇرۇھ دەپ ئاتىغان. بىر قەدەم بىر يېرىم قارى بولىدۇ؛ بىر قارى ئالتە تۇتام بولىدۇ؛ بىر تۇتام تۆت ئىلىك بولىدۇ؛ بىر ئىلىك ئالتە دانە ئارپىنىڭ كەڭلىكىچىلىك بولىدۇ.
خەلقئارا بىرلىك سىستېمىسىدا >مىل< ئادەتتە mile، mil بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن بىر ئەنگلىيە مىلى 5280 فوت ياكى 1609.344 مېترغا تەڭ بولىدۇ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
فىزىكا
ئىنگلىز سىستېمىسىدىكى ئۆلچەش سىمى (مەسىلەن، مېتال سىم) نىڭ دىئامېتىرىنىڭ بىرلىكى. بىر مىل 0.00254 سانتىمېتىرغا تەڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
ئىنگلىزچە
ماتېماتىكا
ئىنگلىز سىستېمىسىدىكى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. بىر مىل 1.609344 كىلومېتىرغا تەڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
ئىنگلىزچە
قاتناش
دېڭىز - ئوكيانلار ئۈستىدە ئارىلىقلارنى ئۆلچەشتە قوللىنىلىدىغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. بىر مىل ئادەتتە 1852 مېتىرغا تەڭ.