Uyghur主要词典
مىڭيۆتاڭ سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى تەسەۋۋۇپچى قادىرىيە ئېقىمىغا مەنسۇپ سۈلۈكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنى خېنەننىڭ مىڭشەن ناھىيىسىدىكى تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن خۇيزۇ مارىنپۇ قۇرغان. مىڭيۆ (يورۇق ئاي) ئىسلام دىنىغا سىمۋول بولىدۇ، دېگەن سۆز بولغاچقا، سۈلۈكنى شۇنداق دەپ ئاتىغان. ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە مارىنپۇ لەنجۇغا قېچىپ كېلىپ يۇڭ - تېرە سودىسى قىلىپ، لەنجۇدىكى خۇيزۇ سودىگەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى لىڭمىڭ خانىقاسىنىڭ ئادىمى ۋە قوللىغۇچىلىرى بولغاچقا، مارىنپۇمۇ لىڭمىڭ خانقاسىغا قاتنىشىدۇ. 1948 - يىلى ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، مارىنپۇ گەنسۇدىكى گۇيۈەن سەنيىڭغا كۆچۈپ كېلىدۇ ھەمدە سەنيىڭدا خانىقا، ئۆي ۋە مەسچىت سالدۇرۇپ، دىنىي تەرغىبات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، 1958 - يىلى خانىقا پىچەتلىۋېتىلىدۇ. <مەدەنىيەت ئىنقىلابى> دا كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ.1980 - يىلىدىن كېيىن پائالىيىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. مىڭيۆتاڭ سۈلۈكى بىلەن لىڭمىڭ خانىقاسىنىڭ ئەقىدىسى ئوخشاش بولۇپ، <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىسنى ئېتىقادنىڭ ئاساسى قىلغاندىن باشقا، دىننى تەرغىب قىلىدىغانلىكى ئادەم راھىب بولۇپ ئىستىقامەت قىلىشى، ئۆيلەنمەسلىكى، ئۆيلەنگەنلەر خوتۇن - بالىلىرىدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى كېرەك؛ ئەتىگەنلىك، كەچلىك ئىستىقامەت پەرزىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، زىكر سالىدۇ. ۋاپاتى نەبىي كۈنى ۋە ئۆتكەن مۇرىشىدلار ۋاپات بولغان كۈنلىرى مال زەبىھ قىلىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ؛ كۈجە يېقىپ، ئىسرىق سالىدۇ. نەقىشبەندىيە ۋە قادىرىيەنىڭ ئەقىدىلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ. بۇ سۈلۈكنىڭ ئادەملىرىنىڭ كۆپىنچىسى خېنەنلىك بولۇپ، ئاساسلىقى گۇيۈەندىكى سەنيىڭ ۋە خېنەندىكى مىڭشەن ناھىيىسى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.