Uyghur主要词典
مىكرو ئورگانىزملار فىزىئولوگىيىسى
领域: بىئولوگىيەمىكرو ئورگانىزملارنىڭ ھاياتلىق ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئاددىي ماددىلاردىن قانداق قىلىپ بىئولوگىيىلىك چوڭ مولېكۇلىلارنى سىنتېزلاپ ئۆزىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى، مىكرو ئورگانىزم بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى، يەنى مىكرو ئورگانىزملار ئۆزىنىڭ ھاياتلىق ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇھىتنى قانداق ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى، مۇھىتنىڭ قانداق ئەكىس تەسىر كۆرسىتىپ مىكرو ئورگانىزملارنىڭ مورفولوگىيىسىنى، تۈزۈلۈشى، مېتابولىزم جەريانى ۋە ھەرىكىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ماس ھالدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى، ئادەملەرنىڭ كونتروللۇقىدا مىكرو ئورگانىزملارنىڭ پايدىلىق مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرىنى ھاسىل قىلىش جەريانى ۋە قانۇنىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىكرو ئورگانىزملار فىزىئولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ نەزەرىيە جەھەتتە ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتىنى شەرھلەشكە؛ ئەمەلىيەتتە، مىكرو ئورگانىزمنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى تولۇق قېزىش ۋە پايدىلىنىش زىيانلىق تەرەپلىرىنى توسۇپ ۋە بويسۇندۇرۇپ ئىنسانلار ئۈچۈن بايلىق يارىتىشقا ياردىمى بار.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。