Uyghur主要词典
مىكرو ئورگانىزملار ئىېكولوگىيىسى
领域: بىئولوگىيەمىكرو ئورگانىزملار ئوتتۇرىسىدىكى ۋە مىكرو ئورگانىزملار بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تۈر توپى ئېكولوگىيىسى ۋە مۇھىت ئامىلى (فىزىكا، خىمىيىلىك ۋە بىئولوگىيىلىك ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ مىكرو ئورگانىزملانىڭ رايون سىستېمىسى (تەبىئىي توپىنى كۆرسىتىدۇ) غا بولغان تەسىرى، ھەمدە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تاشقى مۇھىتقا بولغان ئەكىس تەسىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى: مىكرو ئورگانىزملارنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرى ۋە مىكرو ئورگانىزملار توپىنىڭ ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرۈش، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ بولغىنىشنى يوقىتىپ ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئادەم ۋە ھايۋانلاردا بولىدىغان ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت. يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقتىن، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش، مۇھىتنى ئاسراشتىكى رولى كۈندىن - كۈنگە مۇھىم ئورۇنغا ئۆتمەكتە، شۇڭا مىكرو ئورگانىزملار ئېكولوگىيىسى ئەڭ جانلىنىۋاتقان تەتقىقات ساھەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。