Uyghur←Chinese主要词典
مىكرو ئورگانىزملار فىزىئولوگىيىسى
بىئولوگىيە
微生物生理学
wēishēngwùshēnglǐxué
مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ھاياتلىق ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئاددىي ماددىلاردىن قانداق قىلىپ بىئولوگىيىلىك چوڭ مولېكۇلىلارنى سىنتېزلاپ ئۆزىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى، مىكرو ئورگانىزم بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى، يەنى مىكرو ئورگانىزملار ئۆزىنىڭ ھاياتلىق ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇھىتنى قانداق ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى، مۇھىتنىڭ قانداق ئەكىس تەسىر كۆرسىتىپ مىكرو ئورگانىزملارنىڭ مورفولوگىيىسىنى، تۈزۈلۈشى، مېتابولىزم جەريانى ۋە ھەرىكىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ماس ھالدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى، ئادەملەرنىڭ كونتروللۇقىدا مىكرو ئورگانىزملارنىڭ پايدىلىق مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرىنى ھاسىل قىلىش جەريانى ۋە قانۇنىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىكرو ئورگانىزملار فىزىئولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ نەزەرىيە جەھەتتە ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتىنى شەرھلەشكە؛ ئەمەلىيەتتە، مىكرو ئورگانىزمنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى تولۇق قېزىش ۋە پايدىلىنىش زىيانلىق تەرەپلىرىنى توسۇپ ۋە بويسۇندۇرۇپ ئىنسانلار ئۈچۈن بايلىق يارىتىشقا ياردىمى بار.