Uyghur主要词典
مېھىر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېچىنىش تۇيغۇسى، مېھرىبانلىق ۋە مەرھەمەت.
رەھمى يوق ئادەمدىن رەھمى بار ئىت ياخشى. يولۋاسقا قىلىنغان شەپقەت - قويغا قىلىنغان دەھشەت. يىلانغا قىلىنغان شەپقەت _ ئىنسانغا قىلىنغان ۋەھشەت. مېھرىڭدىن كەچكۈچە، ئەقىدەڭدىن كەچ. كۆيۈمى بارنىڭ كۆرۈمى بار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
چوڭقۇر سۆيگۈ ھېسى، بەك ياخشى كۆرۈش.
نەپرەت، غەزەپ - نەپرەت
قاتتىق يىرگىنىش ھېسى، بەك يامان كۆرۈش.
مۇھەببەتنىڭ بەدىلى مۇھەببەت. نەپرەت سۆزدىن بىلىنەر، مۇھەببەت كۆزدىن. زاھىدغا سەللىنىڭ نېمە كېرىكى، مۇھەببەتكە دەللىنىڭ نېمە كېرىكى. دوستقا مۇھەببەت، دۈشمەنگە نەپرەت. مۇھەببەت بىلەن نەپرەت بىر تۇغقان ئەمەس، لېكىن بۇلارنى ئايرىماق تەس. كىم مېھىر كۆرسەتسە يىرتقۇچ بۆرىگە، ئازابلىق دەرد قوشتى قوينىڭ دەردىگە. مېھىر - مۇھەببىتى چىڭ بولسا، غەزەپ - نەپرىتى قاتتىق بولار.