Uyghur主要词典
مېھنەتكەش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەمگەك - مېھنەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى.
«مېھنەتكەش» ھازىر پاسىسىپ سۆز.
«1 - ماي» خلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى. ئەمگەكچىلەر بايلىق ياراتقۇچىلاردۇر. مېھنەتكەش جاھان ئەھلىنىڭ ئەڭ زور كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەمگەك - مېھنەتنى سۆيىدىغان.
تەييارتاپ، ھارامتاماق
ئەمگەكنى سۆيمەيدىغان، ئەمگەك قىلماي تەييارغا ھەييار بولىدىغان.
بەخت تاپاي دېسەڭ، ئەمگەكچان بول. مېھنەتكەش بولساڭ، بەخت تاپىسەن. تەييارتاپنىڭ بۆرىكىنى ماي قاپلار. ھارامتاماق ئاغرىقتىن كۆز ئاچماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
مېھنەت، ئەجىر قىلىپ كۈن كەچۈرىدىغان، مېھنەت سۆيەر.
ياق، بۇ دۇنيانى <ۋاپاسىز> دېمە، دۇنيا ۋاپاسى ئىلكىڭدە - سەندە. ۋاپا ئاھىنى ئىستىمەس دېمە، ۋاپا خوجىسى مېھنەتكەش بەندە.
ئۇ پۈتۈن كارخانا، پۈتۈن يۇرتتىكى مېھنەتكەشلەرنىڭ ۋەكىلى.