Uyghur主要词典
مېھنەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مۇسىبەت، بالا - قازا:
غەم، دەرد:
مۇشەققەت، قىيىنچىلىق:
1. زەمانىكى مېھنەت ياغىپ دەھرغە،
كى ئابۇ نەمەك ئۆيرۈلۈپ زەھرغە.
ئا. نىزارى.
2. ساڭا بولدى شامى ھەجرىڭ ئاقىبەت سۈبھى ۋىسال،
گەرچە تارتتىڭ، ئەي قەلەندەر رەنجۇ مېھنەت بۇ كېچە.
ئۇبەيدى غەزەللىرىدىن.
3. ئانىڭ مېھنەتىدىن جىسىمدىن زارلىغ،
بولۇپ ئاشكار ئاندا بىمارلىغ.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن قىلىنغان ئىش، پائالىيەت.
«ئەمگەك» ئاكتىپ سۆز، «مېنەت»پاسسىپ سۆز بولۇپ قالدى.
ئەمگەك قەھرىمانى. ئەمگەك نەمۇنىچىسى. ئەمگەك كۈچ. ئەمگەك سۇغۇرتىسى. ئەمگەك كۈنى. ئەمگەك ۋاستىلىرى. ئەمگەك پسخولوگىيىسى. ئەر ئەلگە ئەمگىكى بىلەن تونۇلار. ئەمگەك جاننىڭ لەززىتى. مېھنەتنىڭ تېگى راھەت. ساقلىنى ساتقان قېرىدىن مېھنىتىنى ساتقان بالا ياخشى. ھەممە بايلىق پېشانە تەرىدىن كېلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئومۇمەن بەلگىلىك ئەقىل ياكى جىسمانىي كۈچ سەرپ قىلىنىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىش - ھەرىكەت، پائالىيەت؛ ئەمگەك؛ ئەجىر.
مېھنەت قىلماق. مېھنەت سىڭدۈرمەك.
ئادەمنىڭ سۆلىتىگە قارىما، مېھنىتىگە قارا (ماقال).