Uyghur主要词典
مەكتۇبات
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خەتلەر، مەكتۇپلار.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خەتلەر، نامىلار، مەكتۇپلار، يېزىپ ئەۋەتىلگەن پۈتۈكلەر.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/1454
بۇ ئەسەر خەت - چەكلەر توپلىمى بولۇپ، ئاپتورى: شەيخ دوسۇرى (؟). ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 27 × 20 سانتىمېتىر، 397 بەت. ئەرەبچە، تاش باسما.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/1455
بۇ ئەسەر خەت - چەكلەر توپلىمى بولۇپ، ئاپتورى: شەيخ دوسۇرى (؟). ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 27 × 21 سانتىمېتىر، 162 بەت. ئەرەبچە، قول يازما.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/1456
بۇ ئەسەر خەت - چەكلەر توپلىمى بولۇپ، ئاپتورى: شەيخ دوسۇرى (؟). ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 27 × 21 سانتىمېتىر، 194 بەت. ئەرەبچە، تاش باسما.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<مەكتۇبات ئىمام رەببانى> مۇ دېيىلىدۇ. بۇ ئىسلام دىنىغا دائىر مەشھۇر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ھىندىستانلىق سىرھىندى يازغان. تۆت جىلد بولۇپ، 525 پارچە مەكتۇپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مۇئەللىپنىڭ دىننى تەبلىغ قىلىش ۋە سۈرگۈن قىلىنىش مەزگىلىدە پادىشاھ - ئاقسۆڭەكلەرگە، دىنىي داھىيلارغا ۋە شاگىرتلىرىغا يازغان مەكتۇباتلىرىنىڭ توپلىمىدۇر. مۇئەللىپ ئاساسلىقى <ۋەھد ئەل شۇھۇد> نى شەرھلەپ، ئىمپېراتۇر ئەكبەرنىڭ پان ئىلاھچىلىقىغا، دىنلارنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشىگە ۋە ئىبنى ئەرەبىنىڭ <ۋەھدە ئەل ۋۇجۇد> قا قارشى تۇرۇپ، يات دىنلارنى، <بىدئەتلىك> داشقاللىرىنى، چاكىنا قائىدىلىرىنى، جەمئىيەتكە ئارىلاشمايدىغان پاسسىپ ئىدىيىلەرنى تازىلىۋېتىپ، نەقىشبەندىيەنىڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى دىنىي مەقسىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، 18 - ئەسىردە تەسەۋۋۇپچىلىق پەلسەپە قائىدىسى، ئەخلاق، دىنىي قائىدە، مۇراسىم قائىدىلىرى، چۈشەنچە ئاتالغۇلىرىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ بەرگەن نوپۇزلۇق ئەسەر بولۇپ قالدى. كىتابقا مەكتۇپلاردىن باشقا، شېئىر - قوشاقلارمۇ كىرگۈزۈلگەن. تىلى ئاددىي، چۈشىنىشلىك، سۆزلىرىنىڭ مەنىسى تىرەن، ئەسەرنى مۇئەللىپ ھايات ۋاقتىدا تۈزۈپ بولغان. ئۇنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال رايونىدا كەڭ تارقالغان. 10 - ئەسىرنىڭ باشلىرى شىنجاڭدىكى تاتار ئالىمى مۇرات رەمزىنىڭ ئەرەبچە تەرجىمىسى مىسىردا نەشر قىلىنغان، شىنجاڭدا تۈركچە تەرجىمە نۇسخىسى تارقالغان.