Uyghur主要词典
مەكتەپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوقۇش - ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەر خىل ھەر دەرىجىلىك تەلىم - تەربىيە مۇئەسسەسەسى.
<شۆتاڭ> خەنزۇچە: 学堂
بالاڭنى يا مەكتەپكە بەر، يا مەشرەپكە. قەشقەردىكى خانلىق مەدرىسە زامانىسىنىڭ ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى ئىدى. گومىنداڭنىڭ ۋاقتىدا شۆتاڭدا ئوقۇغانلار <بەگ> دېگەن <ئۇنۋان> ئالاتتى.
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ تارىخى
مەسچىت قارمىقىدىكى باشلانغۇچ سەۋىيىدىكى دىنىي مەكتەپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئوقۇغۇچىلارنى مەدەنىيەت - مائارىپ، پەن - تېخنىكا ۋە شۇنىڭدەك ھەرخىل ھۈنەر - كەسىپلەر بويىچە مەخسۇس ئوقۇتۇپ تەربىيىلەپ، ئۇلارنى مەلۇم دەرىجىدە مەلۇماتلىق قىلىدىغان ئورۇن.
مەكتەپكە كىرمەك. مەكتەپكە بارماق. مەكتەپ ئاچماق. مەكتەپ يېشىدىكى بالا.