Uyghur主要词典
مەكتەپ باشقۇرۇش مەھكىمىسى
领域: شىنجاڭ مائارىپىمائارىپ تارىخى
شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەكتەپلەر مائارىپىنى باشقۇرۇش ئورگىنى بولۇپ، 1906 - يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. تۇنجى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى دۇتۇڭ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بۇ مەھكىمىدە نازارەتچىلىك كومىتېتى، تەكشۈرۈش كومىتېتى، ستاتىستىكا كومىتېتى، سېكرىتار قاتارلىقلار بولغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。