Uyghur主要词典
مەدرىسە تەلىم تەربىيىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىسلام دىنىنىڭ مەسچىتلەردە تەسىس قىلغان مەكتەپ تەلىم _ تەربىيە تۈزۈمىدىن ئىبارەت. ئۇمەييە سۇلالىسى دەۋرىدە بەزى مەسچىتلەردە مۇسۇلمانلار « قۇرئان كەرىم » ۋە ھەدىس ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئابباسىلار سۇلالىسى دەۋرىدە مەسچىتلەر تەۋەلىكىدە باشلانغۇچ مەكتەپلەر قۇرۇلۇپ، « قۇرئان كەرىم » نى ئوقۇش ۋە يېزىش ئۆگىتىلدى. XI ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى باغداتتا مەسچىت تەۋەلىكىدە دىنىي ئونىۋېرسىتېتلار ( مەدرىسلەر ) پەيدا بولدى. كېيىن بۇنداق مەكتەپلەر ئىسلام دۇنياسىدىكى شەھەرلەردە ئومۇملاشتى.