Uyghur主要词典
مەدداھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەدھىيلىگۈچى، ماختىغۇچى:
كىشىلەرنى يىغىپ رىۋايەت، قىسسلەرنى سۆزلىگۈچى.
1. ھەبىبىڭ نە ئۇتىغە مەدداھ قىل،
مەۋائىز ئۇمۇرىغە ئىسلاھ قىل.
ئا. نىزارى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
گەپ - سۆزگە ئۇستا ۋە كۆپ سۆزلەيدىغان.
كەم سۆز، كەم سۇخەن
ئوشۇق - تۆشۈك گېپى يوق، كۆپ سۆزلىمەيدىغان.
گەپدان بولغۇچە ئىشچان بول. ۋالاقتەككۈر سۆزمەندىن دۆت ئارتۇق. باتۇرنى جەڭدە سىنا، چېچەننى دەۋادا. مەمەداننىڭ ئويى قىسقا. گەپچى گەپتىن قالسا، گېلىدىن تاماق ئۆتمەس. كەم سۆز يىگىت ساز يىگىت، مەدداھ ۇيىگىت ماز يىگىت. كەم سۇخەن كەمدىن كەم تېپىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بازار ۋە كوچا - كويلاردا ئادەم توپلاپ دىنىي مەزمۇنلاردىكى بەزى پەند - نەسىھەت سۆزلىرىنى ياكى تارىخىي قىسسە، جەڭنامىلەرنى سۆزلەيدىغان كىشى.
زۇنۇن قادىر كىچىكىدىن باشلاپلا خەلق داستانلىرى ۋە چۆچەكلىرىنى، مەدداھلارنىڭ قىسسە ۋە جەڭنامىلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلىدى.
كۆچمە. سەلب. ئاغزى بېسىلماي گەپ قىلىدىغان، گەپنى تولا قىلىدىغان ئادەم، مەمەدان.