Uyghur主要词典
مەدداھلىق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
مەدھىيىچىلىك:
قۇرۇق ساغەرىم بولسۇنۇ راھلىق،
قىلاي كەينىدە ساڭا مەدداھلىق.
ئا. نىزارى.
ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ۋە ئېغىز تىلى ئادەتلىرى
مەدداھلىق - ئاغزاكى تىل ئادەتلىرىنىڭ كەڭ تۈردە ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى شەكىللىرىدىن بىرى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەدداھلىق ناھايىتى تەرەققىي قىلغان ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى <مەدداھ> (ۋائىز) دەپ ئاتىلىدۇ. مەدداھلار خەلق ئارىسىدىكى تالانتلىق ۋە ئىقتىدارلىق سۆز سەنئەتكارلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئەلنەغمە سەنئىتى ئەنە شۇ مەدداھلىق ئادىتىدىن ئۆسۈپ چىققان.
مەدداھلىق - ناخشا ، مۇزىكا ۋە دراماتىك ھەرىكەتنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان ئۇنىۋېرسال سەنئەت ئادىتى بولۇپ، ئۇنىڭ كىشىلەرنى جەلپ قىلىش كۈچى ناھايىتى زور. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان مەدداھلار خەلق ئارىسىدا زور ئىناۋەتكە ئىگە بولۇپ كەلگەن. مەدداھلىق ئادىتى بولۇپمۇ خوتەن، قەشقەر، يەكەن قاتارلىق شەھەرلەردە كەڭ ئەۋج ئالغان. بازار كۈنلىرى ئاتاقلىق مەدداھلار تەرەپ - تەرەپتىن بۇ شەھەرلەرگە يىغىلىپ مۇۋاپىق سورۇندا بەس - بەس بىلەن مەدداھلىق قىلغۇچى بىر قانچە مەدداھتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرى ئاساسلىق رول ئالغۇچى باش مەدداھ، بىر ياكى ئىككىسى <دوست تارتىپ بېرىدىغان> قوشۇمچە مەدداھ ھېسابلىنىدۇ. بەزىدە مۇزىكا تەڭكەش قىلىپ بەرگۈچى سازەندە ئايرىم بولسا، بەزىدە باش مەدداھ ئۆزى ھەم مۇزىكا چالىدۇ، ھەم ناخشا ئېيتىدۇ، ھەم سۆزلەيدۇ. مەدداھنىڭ سۆزلەيدىغانلىرى كۆپىنچە قەدىمكى تارىخىي قىسسەلەر، ئاتاقلىق خەلق داستانلىرى، ئەپسانە - رىۋايەتلەر، قىزىقارلىق ھېكايە - چۆچەكلەر، جەڭنامىلەر ۋە بەزى داڭلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ھېكايە قىلغاندا خۇددى دراما ئارتىسلىرىدەك يالغۇز ئۆزى بىر قانچە پېرسوناژنىڭ ئوبرازىنى جانلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. شۇڭا مەدداھ سورۇن تۈزمەكچى بولۇپ چاقىرىش دۇمبىقىنى ياكى ناغرىسىنى چالغان ھامان مەدداھقا ئادەتلىنىپ قالغان خەلق توپى ئۇنىڭ ئەتراپىغا دەرھال يىغىلىپ، ئۆزلۈكىدىن چەمبەر شەكلىدە مەيدان ھازىرلايدۇ. مەدداھنىڭ سەنئەت ماھارىتىگە مەپتۇن بولغان خەلق ئۇنىڭ مەدداھلىق پائالىيىتى ئاخىرلاشقىچە بىر قانچە سائەت مىدىرلىماي ئولتۇرىدۇ ياكى ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلايدۇ.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۇقىرىقىدەك كەسىپلەشكەن مەدداھلىقتىن باشقا، يەنە بەزى رايونلاردا ياشانغانلار بىرەر ئۆيگە توپلىشىپ ھەر كىم ئۆزى بىلگەنچە قىسسە ياكى ھېكايە ئېيتىشىدىغان، قىزىقارلىق قەدىمكى كىتاب - رىسالىلەرنى ئوقۇپ ئاڭلايدىغان ئادەتمۇ بار. مەسىلەن، تۇرپان رايونىدىكى ياشانغانلار ئارىسىدا قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان <دادۇر مەشرىپى> ئەنە شۇنداق خاراكتېرىگە ئىگە. بۇمۇ مەزمۇن ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،م مەدداھلىقنىڭ بىر خىل تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
مەدداھلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى مۇراسىم ۋە ھەر خىل سەيلە پائالىيەتلىرىدە ناھايىتى قىزىپ كېتىدۇ. قەشقەرنىڭ <ھەزرەت سەيلىسى>، ئوپالدىكى <نورۇز بۇلاق سەيلىسى>، يېڭساردىكى <ئودىخېنىم سەيلىسى>، خوتەندىكى <كوھمارىم سەيلىسى> قاتارلىق كۆلىمى چوڭ مۇراسىم پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرىدىن بىرى مەدداھلىق بولۇپ، مۇشۇ سەيلە مەزگىللىرىدە يۇرت - يۇرتلاردىن كەلگەن مەدداھلار تەرەپ - تەرەپتە سورۇن تۈزۈپ، مىڭلىغان سەيلىچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.
مەدداھلىق ئەدەبىياتنىڭ مەزمۇنى ئىچىدە گەرچە ساغلام بولمىغان بەزى دىنىي تەركىبلەرنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ خەلق سەنئىتىنى يۈكسەلدۈرۈش، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى تارقىتىش ۋە بېيىتىش، خەلقنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوينىغان رولىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. (ئا)
جۇڭگو نەزم سەنئىتى
مەدداھلىق سورۇنىغا كىرسەك، »ئۈچ دۆلەت« نى سۆزلەۋاتقىنىنى ئاڭلايمىز، ھېكايىدە مىڭلىغان قوشۇن، ئەمما سۆزلىگىنى بىر ئادەم. بۇنىڭدا ئارتىس سۆزلەيدۇ، ناخشا ئېيتمايدۇ، قولىغا بىر يەلپۈگۈچنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنى قوماندانغا تەقلىد قىلىدۇ ياكى قولىدىكى تاختاينى شىرەگە ئۇرۇپ قويۇپ ۋەقەلىكنىڭ كەيپىياتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ۋەقەلەرنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدۇ. گاھ ئاتلار كىشنەۋاتقان قەدىمكى جەڭ مەيدانى، گاھ قەدەھلەر سوقۇشتۇرۇلۇۋاتقان شاراب زىياپىتىنى ئوبرازلىق، جانلىق تەسۋىرلەيدۇ. مانا بۇ مەدداھلىق (话评) سەنئىتىدۇر.
مەدداھلىق ئادەتتە پىڭشۇ (رىۋايەتلىك قىسسە) ۋە پىڭخۇا (ھېكايىلىك قىسسە) دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، ئۇلار يەنە داشۇ (书大) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پىڭشۇ (书评) رىۋايەتلىك قىسسە يەنە پىڭسى (词评) رىۋايەتلىك نەزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ بېيجىڭدا پەيدا بولۇپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە شەرقىي شىمال رايونلىرىدا كەڭ تارقالغان، ئورتاق تىلدا سۆزلىنىدۇ. پىڭخۇا (话评) ھېكايىلىك قىسسە يەنە سۇجۇ ئەلنەغمىسى، ياڭجۇ ئەلنەغمىسى، فۇجۇ ئەلنەغمىسى، خۇبېي ئەلنەغمىسى، سىچۇەن ئەلنەغمىسى قاتارلىق كۆپ خىللارغا ئايرىلىدۇ، ئۇنىڭدا يەرلىك تىل ئىشلىتىلگەچكە، يەرلىك تىل رايونلىرىغا تارقالغان. پىڭشۇ (رىۋايەتلىك قىسسە) بىلەن ھەر خىل پىڭخۇا (ھېكايىلىك قىسسىلەر) نىڭ ھەربىرى ئۆزگىچە بەدىئىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق بىر خۇسۇسىيەت بار: بىرى دېكوراتسىيە يوق، ئىككىنچىسى تەڭكەش يوق، پۈتۈنلەي ئارتىسنىڭ ئاغزاكى ئىپادىلەش قابىلىيىتىگە تايىنىدۇ، ئولتۇرۇپ سۆزلەيدۇ، ناخشا ئېيتمايدۇ، بىر يەلپۈگۈچ ياكى بىر تاختاينى جابدۇق قىلىدۇ، ئورۇنداشتا تامامەن سۆز، ئىپادە، قىزىقچىلىق، تەقلىدىي ئاۋازلارنى چىقىرىش، قول ۋە كۆز ئىپادىسى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، ھېكايە بايان قىلىپ، ئوبراز يارىتىدۇ، ھېسسىياتنى ئىپادىلەپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇ روھنى ئىپادىلەش، ئوبرازلىق تەسۋىرلەش، ئاۋاز بىلەن ھېسسىيات تەڭ جارى بولۇشتەك بەدىئىي ئالاھىدىلىككە ئىگە.
مەدداھلىقنىڭ ئەنئەنىۋى نومۇرلىرى تارىخىي ھېكايىلەر، چەۋەندازلار ھېكايىلىرى ۋە جىن - شەيتانلار ھېكايىسىنى ئاساس قىلغان، ئالايلۇق »ئۈچ پادىشاھلىق«، »سۇ بويىدا«، »سۈي - تاڭ قىسسىسى«، »غەربىي خەن قىسسىسى«، »يۆفېي ھەققىدە قىسسە«، »قەھرىمانلار ھەققىدە قىسسە«، »ياڭ ئائىلىسىنىڭ باتۇرلىرى« قاتارلىقلارغا ئوخشاش، يەنە »چەكسىز ئورمان، قارلىق دالا« دەك زامانىۋى نومۇرلارمۇ بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بازار ۋە كوچا - كويلاردا ئادەم توپلاپ دىنىي مەزمۇنلاردىكى بەزى پەند - نەسىھەت ياكى جەڭنامە، قىسسە قاتارلىقلارنى سۆزلەش:.
ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا - قوشاق ئېيتىش ۋە مەدداھلىق ئادەتلىرىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە.
كۆچمە. مەمەدانلىق، گەپ يورغىلىتىش، گەپ ئوينىتىش.
سەن تولا مەدداھلىق قىلما.