Uyghur主要词典
مەدىنە ئۇممەسىنىڭ نىزامنامىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى مۇھىم سىياسىي - دىنى ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 622 - يىلى مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، رېئال ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، جەمەت گۇرۇھلىرى ۋە يەھۇدىي قەبىلىلىرى بىلەن كېڭىشىپ، ئۇلار بىلەن سۈلىھ تۈزۈپ، بىر - بىرىنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنى بىرلىككە كەلگەن ئۇممە ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ نىزامنامىسى قىلدى. شۇڭا <مەدىنە نىزامنامىسى> دەپمۇ ئاتالدى. بۇ نىزامنامە دەسلەپكى چاغلاردىكى سىياسىي تەرەققىياتقا مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى.