Uyghur主要词典
مەدىنىدە نازىل بولغان سۈرىلەر
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
622 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن نازىل بولغان سۈرىلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەردىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. مەدىنىدە نازىل بولغان سۈرىلەر 28 سۈرە بولۇپ، ئومۇمىي سۈرىلەرنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن ئازراقىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇزۇن سۈرىلەر كۆپ بولۇپ، مەزمۇنى ئىجتىمائىي ئەھكام چىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى سۈرىلەر مەككە ۋە مەدىنىدىن ئىبارەت ئىككى جايدا گىرەلىشىپ نازىل بولغان.