Uyghur主要词典
مەديەن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جاي ئىسىمى. سىنا تېغى (ھازىر مىسىر چېگرىسى ئىچىدە) نىڭ شەرقىي جەنۇبىدا بولۇپ، قىزىل دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان. يەرلىك ئاھالە مەديەنلىكلەر دېيىلىدۇ. قۇر ئاندا قەيت قىلىنىشىچە،(1) مۇسا ئەلەيھىسسالام مىسىرلىقنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، مىسىردىن قېچىپ چىقىپ، مۇشۇ يەرگە كېلىپ، يولدا قويلىرىنى سۇغۇرۇشقا كەلگەن ئىككى قىز بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ قويلىرىنى سۇغۇرۇشقا ياردەم قىلىدى. قىزلارنىڭ دادىسى ئۇنى ئېلىپ قېلىپ، سەككىز يىل قوي باقتۇردى. قىزىنى ئۇنىڭغا بەردى. (2) ئاللا شۇ ئەيب ئەلەيھىسسالامنى بۇ يەردىكى مەديەنلىكلەرگە بىر ئىلاھ ئەقىدىسنى تەشۋىق قىلىشقا ئەۋەتتى. شۇ ئەيب ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن «ئاللاغا ئىبادەت قىلىش» نى، «مەھشەر كۈنىنى ئويلىنىش» نى، گۇناھلىق يامان ئىشلانى قىلماسلىقنى، ئادىل تىجارەت قىلىشنى، باشقىلارغا نەرسىنى كەم بەرمەسلىكنى، «تارازىدا ئادىل بولۇش» نى تەلەپ قىلدى. مەديەنلىكلەر ئەجدادلىرى سەجدە قىلغان ئىلاھلاردىن ۋاز كېچىشنى خالىمىدى. بەلكى قەبىلە باشلىقلىرى شۇ ئەيب ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىقتى. كېيىن يەر تەۋرەپ يۇرت ۋەيران بولدى. كىشىلەر ھالاك بولدى.