Uyghur主要词典
مازار تاۋاپچىلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئوتتۇرا ئاسىيا، كافكاز ۋە شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي مۇراسىمى بولۇپ، خوجا - ئىشانلار ۋە ئىسلام دىنىنى تەبلىغ قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەن خاقان، ئىمام قاتارلىقلارنىڭ مازارلىرىنى تاۋاپ قىلىش پائالىيىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. تەسەۋۋۇپچىلار ۋە شىئە مەزھىپىدىكىلەر ئارىسىدا ۋەلى، ئەۋلىيالارغا ۋە پەيغەمبەر ئەۋلادلىرىغا ئىخلاس قىلىش ئەۋج ئالغان. جۈملىدىن ئىسلام دىنىدىن بۇرۇنقى قەدىمكى دىنلارنىڭ ئەنئەنىسى ۋە يەرلىك كىشىلەر ئارىسىدىكى تاغ - تاشلارغان، دەل - دەرەخ، بۇلاقلارغا، ئەجدادلىرىنىڭ روھىغا تېۋىنىدىغان ئادەتلەر ساقلىنىپ قالغان. مازار تاۋاپچىلىقىنىڭ ئەۋج ئېلىشى فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 16 - ئەسىردىن 19 - ئەسىرگىچە تاۋاپچىلىق پائالىيتى يۇقىرى پەللىگە يەتتى. ئادەتتە كىشىلەر ئاللادىن مەدەت تىلەش، ساۋاپلىق دىنىي پەرزلەرنى ئادا قىلىش، مەرھۇمنىڭ ئەرۋاھىدىن مەدەت تىلەش، قايغۇسىنى ئىزھار قىلىش، ئىستىقامەت قىلىش، كېسەلگە شىپالىق ۋە بالىلىق بولۇشنى تىلەش قاتارلىقلار ئۈچۈن مازارلارنى تاۋاپ قىلدى. خوجا، ئىشان، شەيخلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت توپلىدى. Ⅹ ئەسىردە سۇتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاتۇشتا تۇنجى مازار سېلىندى. 16 - ئەسىردىكى يەكەن خانلىقى دەۋرىدە خوجا، ئىشان جەمەتىدىكىلەر شىنجاڭغا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، كۆپلەپ مازار سېلىپ، مازارلارغا ئىخلاس قىلىش دولقۇنىنى قوزغىدى. كېيىن ئۇنىڭغا ئوغلاق تارتىش، بەيگە قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى قوشۇلدى.