Uyghur主要词典
ماز
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
پاختىنىڭ، كىيىم - كېچەك ۋە يوتقان- كۆرپىنىڭ كونىرىغان ھالىتى.
يوتقان مېزى. * چاپان مېزى.* باش كىرلىسە تاز بولىدۇ، پاختا كىرلىسە، ماز بولىدۇ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
تامتىقى يوق، تۇتۇرۇقسىز.
ماز ئادەم. * كەم سۆز يىگىت ساز يىگىت، مەدداھ يىگىت (ماقال). * ئاز بولسا ساز بولار، كۆپ بولسا ماز بولار (ماقال).
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قاتلانغان، تۈمىلەكلەنگەن، پۇرلىشىپ كەتكەن(نەرسە).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىلىقى غەلىتە، تۇتامى يوق كىشى.
زاڭدىن يىراق بول، زىيىنى تېگىدۇ. كەم سۆز يىگىت _ ساز يىگىت، مەدداھ يىگىت _ ماز يىگىت.
شىۋىلەر
كونا پاختا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىشلىتىلگەن، كونا پاختا.
ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ يىرتىقلىرىدىن چىقىپ قالغان مازلار گويا ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ ئىدى.
كۆچمە. قاملاشمىغان، يارىماس قىلىقلارنى قىلىدىغان.
ئۇ خوتۇنى بىلەن يەتتە يارىشىپ، سەككىز ئاجراشقان ماز دېگىنە، ماز، جىڭ ماز!
كۆچمە. يارىماس قىلىق، ئىش.
ياخشىنىڭ ئىزى قالىدۇ، ياماننىڭ مېزى (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
«ماز بولماق» قا قاراڭ.