Uyghur主要词典
مازار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
گۆر - قەبرىلەر بار يەر.
«ئالتۇنلۇق» ئۇلۇغ زات قويۇلغان مازار.
گۆرىستانغا كۆچەت تىكىش ياخشى ئىش. قەبرىستان قورقۇنچلۇق دېيىلىدۇ، ئۆلۈكتىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار. بازىرى يېقىن باي بولماس، مازىرى يېقىن خار. زاراتگاھلىقتا زىرائەت ئىزدىگەن - ئەخمەق. ھېيت - ئايەملەردە تۇپراق بېشىغا چىقماق دۇرۇس.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى « مۇقەددەس جاي »، « ئەۋلىيالار قەبرىسى » دېگەنلىك بولىدۇ. ئاساسلىقى ئىسلام دىنىدىكى ئېسىل قەبرىگاھلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مازار ئادەتتە دەرۋازا، چۆرىسىگە سېلىنغان تام، ھويلا، قەبرە قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردىن تەركىب تاپىدۇ. بەزىلىرىگە گۈمبەز سېلىنىدۇ. بەزى رايونلاردىكى مازارلارنىڭ تەۋەسىدە مەسچىت ۋە مەدرىسلەر بولىدۇ. مازارنىڭ نۇرغۇن ۋەخپى يېرى بولۇپ، ئۇلارنى شەيخ، ئىمام، خەتىب، مەئەززىنلەر ئىدارە قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى ئاپاق خوجا مازىرى، ئاتۇشتىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى قاتارلىقلار جۇڭگودىكى داڭلىق مازارلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە؛ئەرەبچە
ئۆلگەن كىشىلەر دەپنە قىلىنىدىغان جاي، قەبرىستان، تۇپراق بېشى.
تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق، سىيگەكنىڭ كىگىز بىلەن (ماقال).
كۆچمە. خارابىلىككە ئايلانغان، ئادەم يوق جاي.
بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار(ماقال).