Chinese→Uyghur主要词典
玛雅文明
دۇنيا تارىخى
مايا مەدەنىيىتى
ئوتتۇرا امېرىكىدىكى مېكسىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، گۋاتېمالا ۋە ھوندۇراسنى مەركەز قىلغان قەدىمكى زامان مەدەنىيىتى. لاتىن ئامېرىكىسى قەدىمكى زامان مەدەنىيەتلىرى ئىچىدە ئەڭ راۋاجلانغان، ئەڭ روناق تاپقان مەدەنىيەت بولۇپ، <ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يۇنان> دەپ نامى بار، شۇنداقلا دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان بىر قانچە مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ باشلانغان ۋاقتى خېلى بۇرۇن بولۇپ، مىلادىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىروگلېف (تەسۋرىي) يېزىقى (<مۇقەددەس كىتاب شەكلى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) مەيدانغا كەلگەن. يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي تاپقان يېھا ئىگىلىكى، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، كالېندار ۋە دېىنىي مۇراسىملىرى ھەمدە چوڭ - چوڭ تاشتىن قوپۇرۇلغان <ئېھرام> (ئىبادەتخانا بىنالىرى) ۋە باشقا بىنالىرى بولغان. ئۈستۈن ماھارەتلىك تاش ۋە قاشتېشى ئويما - نەقىشچىلىك ۋە ساپالچىلىق تېخنىكىسىغا ئىگە بولغان، براق تېخى مېتال قوراللار ئىشلەتمىگەن پەقەت ئالتۇن ۋە تۇچنى زىننەت بۇيۇملىرى سۈپىتىدىلا ئىشلەتكەن. مىلادى Ⅲ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە بولغان دەۋرى مايا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. Ⅹ ئەسىردىن كېيىن خارابلىشىشقا باشلىغان، ⅥⅩ ئەسىرەە كەلەەندە ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن نابۇت قىلىۋېتىلگەن.