Chinese→Uyghur主要词典
玛里文书
دۇنيا تارىخى
مارى ھۆججەتلىرى
مارى خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان سېغىز بەتلىك ھۆججەتلەر. 1933-يىلدىن باشلاپ سۇمېر دەۋرىدىكى ئىبادەتخانا ۋە خاممۇرابى بىلەن دەۋرداش بولغان پادىشاھ زېمىرىلىم ئوردىسى كىتاب ئامبىرى قاتارلىق جايلاردىن تەخمىنەن 20 مىڭ پارچىدىن كۆپرەك ھۆججەت تېپىلغان. 1946-يىلدىن بۇيان، <مارى خان جەمەت ھۆججەتلىرى> نامى بىلەن دۇنياغا ئېلان قىلىنغان. بۇنى ئېلىكخان يافومى دەۋرىدىكى ۋە زىمىرىلىم دەۋرىدىكى دەپ ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ. مەزمۇن جەھەتتە دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، مەمۇرىيەتكە دائىر ھۆججەتلەر بىلەن خەت - ئالاقىلەر كۆپرەك بولۇپ، ئومۇمەن ئاككاد تىلىدا يېزىلغان. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ تېپىلىشى بىلەن خاممۇرابىنىڭ تەختتە بولغان يىلىغا قايتىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅦⅩ - ⅧⅩ ئەسىرلەردىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىجتىمائىي ئىگىلىكنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.