Chinese→Uyghur主要词典
玛里亚.特利莎
دۇنيا تارىخى
مارىيە تېرېسىيە
(1717 - 1780) ئاۋسترىيە كورۇلى (1740 - 1780)، كارل Ⅵ نىڭ چوڭ قىزى 1740-يىلدىكى <دۆلەت ئاساسىي پەرمانى> غا ئاساسەن ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1741-يىلى ۋە 1743-يىلى ئىلگىرى -ائخىر بولۇپ تاج تاقاپ ۋېنگرىيە كورۇلىۋاسى ۋە بوھېمىيە كورۇلىۋاسى بولغان. تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزەىلدە ياۋروپا كۈچلۈك دۆلەتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. فرانسىيە، پرۇسسىيە، باۋارىيە، ساكسونىيە، ئىسپانىيە ۋە ساردىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاۋسترىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئاۋسترىيىنىڭ زېمىنىنى بۆلۈۋېلىش كويىدا بولغان. ئارقىدىنلا ئاۋسترىيە تەرختىگە بۆلۈۋېلىش كويىدا بولغان. ئارقىدىنلا ئاۋسترىيە تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشنى تالىشىش ئۇرۇشى پارتلىغان. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى جىددىي خەۋپ ئىچىدە قالغان. كېيىن ئەنگلىيە، روسىيە بىلەن ئىتتىپاقلاشقاندىن كېيىن، خەتەرلىك ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ قالغان. 1756-يىلى فرانسىيە روسىيە، ساكسونىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ يەتتە يىللىق ئۇرۇشقا قاتناشقان. بىرىنچى قېتىملىق پولشانى بۆلۈشۈۋېلىشقا قاتناشقان. ئىچكى جەھەتتە <ئاڭلىق مۇنارخىزم> نى يولغا قويۇپ، سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، دىپلوماتىيە، مالىيە، ئەدلىيە ۋە مائرىپ قاتارلىقلاردا بىر قاتار ئىسلاھاتنى قىلىپ، ئاۋسترىيىنىڭ سودا - سانائەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە ئىلىم - پەن مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.