Uyghur主要词典
ماتارام پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
مىلادى Ⅷ ئەسرىدىن Ⅸ ئەسىرگىچە ئۆتكەن ھىندۇنېزىيىدىكى فېئودال پادىشاھلىق.تەكتى كالىنگا بولۇپ، مىلادى Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى سرىۋىجايانىڭ سايلېندىرا پادىشاھلىقىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ پايتەختنى ياۋانىڭ شەرقىي قىسىمىغا كۆچۈرۈپ، ماتارام پادىشاھلىقىنى قۇرغان. دەسلەپتە بالىتۇڭ خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغاچقا، بالىتۇڭ پادىشاھلىقى دەپ ئاتالغان. 929 - يىلى ئورنىغا ئىشانا خاندانلىقى چىققان. دارماۋامسا تەختتە تۇرغان چاغدا (1991 - 1007)، بالى ئارىلى، كالىمانتان ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە باڭكا ئارىلى قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرغان ھەمدە سىرىۋىجاياغا ھۇجۇم قىلىنغان. 1007 - يىلى سرىۋىجايا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، دارۋامىسا ئۆلتۈرۈلۈپ پايتەختى ئىشغال قىلىنغان. ئايرلاڭگا تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (1019 - 1049) قايتا گۈللەنگەن، ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا دۆلەت زېمىنىنى ئىككى ئوغلىغا بۆلۈپ بەرگەن. كېيىن ماتارام پادىشاھلىقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، شەرقىي قىسمى جاڭگالا دۆلىتى، غەرب قىسمى كادىرى دۆلىتى بولغان. ماتارام پادىشاھلىقى مەزگىلىدە فېئوداللىق مۇناسىۋەت بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان، قانۇن تۈزۈلۈپ، مەدەنىيىتىمۇ خېلى راۋاج تاپقان. ھىندى دىنى ۋە بۇددا دىنىنىڭ خۇپىيە مەزھىپى تارقالغان. مىلادى 992 - يىلى (سۇڭ سۇلالىسىنىڭ چۇنخۇا 3 - يىلى) جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن.