Uyghur主要词典
ماتارام دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
ھىندۇنېزىيىنىڭ ئىسلام فېئودال پادىشاھلىقى. 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا ياۋادىكى يوگياكارتا رايونىدا مەيدانغا كەلگەن. ئەسلى دېماك دۆلىتىنىڭ فېئودال سۇيۇرغالى ئىدى. كېيىن باجاڭ دۆلىتىگە تەۋە بولغان. 1582 - يىلى شۇ يەردىكى فېئودال يەر ئىگىسى سۇتاۋىد - جاجا سېنوپاتى (؟ - 1601) باجاڭ دۆلىتىنى يوقىتىپ، ماتارام دۆلىتىنى قۇرغان. سۇلتان ئاگۇڭ تەختتە تۇرغان چاغدا (1613 - 1645) ئوتتۇرا ياۋا ۋە شەرقىي ياۋا رايونلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ياۋانىڭ دېڭىز بويىدىكى سورابايا ۋە كىرېبۇنلارنى ئىشغال قىلغان ھەمدە تەسىر دائىرىسىنى سۇماترانىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىغا كېڭەيتكەن. ئاماڭكۇرات Ⅰ تەختتە تۇرغان چاغدا (1645 - 1677) زوراۋانلىق قىلغان ھەمدە ئېغىر باج - سېلىق ئالغانلىقتىن ترۇنۇجۇجۇ ئۇرۇشى پارتلىغان. 1677 - يىلى ئۇنىڭ ئوغلى ئاماڭكۇرات Ⅱ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان ھەمدە گوللاندىيەنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتى بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، ئۇنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان. 1704 - يىلى گوللاندىيىنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ماتارام زېمى نىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1755 - يىلى ماڭكۇيۇمى ئۇرۇشىدىن كېيىن گوللاندىيە ئۇنى يوگياكارتا ۋە سوڭئايغا بۆلۈۋەتكەن. بۇ ئىككى دۆلەت گوللاندىيىنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە بويسۇنۇشقا مەجبور بولغان.