Uyghur主要词典
ماقالە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە مقال - نۇتق، باب سۆزىدىن، كۆپلۈكى ماقالات(
سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ياكى ئەدەبىي ھايات توغرىسىدا يېزىلغان پۇبلىتستىك ئەسەر. مەتبۇئات ۋە نەشرىياتچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى نەتىجىسىدە ماقالىنى تېمىسى، مەزمۇنى ۋە ماھىيىتىگە قاراپ سىياسىي ماقالە، ئىلمىي ماقالە، پۇبلىتستىك ماقالە دېگەن خىللارغا ئايرىش كېلىپ چىقتى.
ئەلىشىر ناۋايىنىڭ «ھەيراتول ئەبرار» داستانى 20 ماقالات )باب( تىن ئىبارەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەدەبىيات
گېزىت، ژۇرناللار ئۈچۈن يېزىلغان ياكى ئۇلاردا بېسىلغان، ھەجمى ئانچە چوڭ بولمىغان ئېلىم - پەن، ئەدەبىيات - سەنئەت نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى ئىلمىي ئەسەر ياكى ئىجتىمائىي، سىياسىي مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان ئەسەر.