Uyghur主要词典
مافۇشياڭ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1876 - 1932)گەنسۇ خېجۇ (ھازىرقى لىنشا) لىق، خۇيزۇ. گۇاڭشۈينىڭ 21 - يىلى (1895) ئاكىسى فۇلۇ بىلەن نەننىڭ قوشۇنى قۇرۇپ، خېخۇاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، گەنسۇ مۇپەتتىشى دۇڭ فۇشياڭ تەرىپىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىپ، مەنسەپ يولىغا قەدەم قويدى. گۇاڭشۈينىڭ 26 - يىلى ئاكىسى بىلەن بېيجىڭدا سەككىز دۆلەت ئارمىيىسىگە زەربە بەرگەندە ئاكىسى قازا قىلدى. ھەممە قوشۇنغا مافۇشياڭ قوماندانلىق قىلدى. كېيىن شىنىڭدىكى قوشۇنغا قوماندان بولۇپ تەيىنلەندى. شىنخەي ئىنقىلابى ۋاقتىدا يۇرتىدىكى باتۇرلارنى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىپ، لەنجۇنى ساقلىدى. كېيىن يۈەن شىكەي تەرىپىدىن گەنسۇ - نىڭشانىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى. كېيىن سۈييۈەنگە يۆتكەلدى. نەنجىڭ گومىن ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، چىڭداۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى، موڭغۇل - شىزاڭ كومىتېتىنىڭ ۋېييۈەنجاڭى قاتارلىق زەربىلەرگە تەيىنلەندى. مافۇشياڭ خۇيزۇلارغا ۋە ئىسلام مەدەنىيەت تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، غەربىي شىمال رايونىدا ۋە بېيجىڭدا 60 نەچچە مەكتەپ ئاچتى. ئىسلام دىنىغا دائىر خەنزۇچە بىرنەچچە ئون خىل كىتابنى نەشر قىلدۇردى، <شىمال تەرەپتىكى تەرىقەت تەزكىرىسى>، <موڭغۇل زېمىنى توغرىسىدا خاتىرە>، <موڭغۇل زېمىنىنىڭ ئەھۋالى> قاتارلىق كىتابلارنى يازدى.