Uyghur主要词典
ماقۇل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مودال سۆز: ماقۇللۇقنى بىلدۈرىدۇ.
خوپ دېسەڭ ئۇتىسەن، ھوپ دېسەڭ يۇتىسەن. ئالدىرىغاندا « لەۋەي » تېپىلماپتۇ. ماقۇلغا جاۋاب يوق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىجابىي جاۋاب.
ياق، يوقسۇ، يوق
ئىنكار جاۋاب.
ھە، بارسام باراي. ھەئەدىن ئوبدان جاۋاب يوق، جىگەردىن ئوبدان كاۋاپ (يوق). بارغا خوپ، يوققا يوق. يۇمشاققا خوش، خوپ، قاتتىققا يوقسۇ، ياق. ئۆزى تىلىمەيدۇ، بەرسەڭ ياق دېمەيدۇ. ماقۇل دېسەڭ، خوپ دەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. ئەقىلغا مۇۋاپىق، قوبۇل قىلارلىق، لايىق، دۇرۇس.
ماقۇل تاپماق. ماقۇل كۆرمەك.
ئى. ھەئە، خوپ، قوشۇلىمەن.
يۇمشاققا ماقۇل، قاتتىققا ياق - ياق (ماقال).
تىر. مەيلى، بولىدۇ.
ھەر قايسىلىرى مۇنداق دېگەن يەردە مەن نېمە دەيتتىم، ماقۇل، مەن چىقاي.