领域: ئىسلام ئاتالغۇلىرىمىڭ سۇلالىسى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مۇددەرىس. جاڭنىڭ (ھازىرقى نەنجىڭ) لىق. خۇيزۇ. كىچىكىدە شېئىرىيەت كىتابلىرىنى ئوقۇغان. كېيىن چاڭئەنگە بېرىپ جاڭ شياۋشەننىڭ قولىدا بىلىم ئاشۇردى. ئۇستازى بىلەن دىياۋيۈيگە قايتىپ بېرىپ، 5 - 6 يىل دىن ئوقۇدى. ئوقۇشنى تاماملاپ يۇرتىغا بېرىپ مەكتەپ ئېچىپ شاگىرت تەربىيىلىدى. بىلىمگە بېرىلىپ، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ئوقۇيدىغانلار كۆپەيدى. شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ئىچىدە <بىدئەتلىك> ھادىسىلىرى مەۋجۇت، دەپ قاراپ، <ئىسلام دىنى تەلىماتلىرى> نى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، كىشىلەرگە بىلدۈردى. جېجاڭدىكىلەر بۇنىڭدىن كۆپ مەنپەئەت ئالدى. چاڭ جىمېي، لى دىڭخۇەن، مامىڭلۇڭلار بىلەن بىر قاتاردىكى ئۆلىما ھېسابلاندى.