Uyghur主要词典
ماجىماجى
دۇنيا تارىخى
تانگانىكا (ھازىرقى تانزانىيە) خەلقىنىڭ گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلىڭى. <ماجى> سىۋاشلى تىلىدىكى <سۇ> دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قوزغىلاڭچىلار بىر خىل سېھرىگەرلىك دورىغا ئىشىنىدىكەن. ئۇنى ئىچسە، ئوق ئۆتمەيدىكىن، ئوقمۇ سۇغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن. 1905 - يىلى كىباتا كىۋەززارلىقىدا قوزغىلاڭ پارتلاپ، تېزلىكتە ئوتتۇرا قىسىم ۋە جەنۇبتىكى قىسمەن رايونلارغىچە كېڭەيگەن. 1907 - يىلى قوزغىلاڭ دەھشەتلىك باستۇرۇلغان. 12 مىڭ ئافرىقىلىق ئۆلتۈرۈلگەن. بەزى قەبىلىلەر ئاساسەن قۇرۇتۇۋېتىلگەن.