Uyghur主要词典
ماجيەن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1906 - 1978)جۇڭگودىكى ئەرەب تىلى ئالىمى، يۈننەن گېجۇلۇق، خۇيزۇ. 1928 - يىلى شاڭخەي ئىسلام دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇدى، 1931 - يىلى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئۇنى مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتتى، 1939 - يىلى ئوقۇشنى تۈگىتىپ جۇڭگوغا قايتىپ كېلىپ شاڭخەي، چۇڭچىڭ، يۈننەن قاتارلىق جايلاردا <قۇرئان كەرىم> نى تەرجىمە قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. 1946 - يىلىدىن ئېتىبارەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىدا پروفېسسور بولدى. 1949 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار ھەيئىتى بولدى. ماجيەن ھاياتىدا <قۇرئان كەرىم>، <ئىسلام پەلسەپە تارىخى>، <مۇسۇلمانلار تەلىم - تەربىيە تارىخى>، <شەرئى ئەقائىد>، <رىسالە ھەمدىيە>، <ئىسلام پەلسەپىسى>، <مۇختەسەرۇل تەقۋىمىل ئىسلامى>، <ئەل تارىخ ئەل ئەرەبى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى. بېيجىڭدا ئالەمدىن ئۆتتى.