Uyghur主要词典
ماھارەت كاشلىسى
پسىخولوگىيە
بۇ ماھىرلىق كاشلىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىگىلىگەن ماھارەت بىلەن ماھىرلىقنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان يېڭى ماھارەتنى ئىگىلەش جەريانىدا توسقۇنلۇق قىلىش ھادىسىسى ماھارەت كاشىلىسى ياكى ماھىرلىق كاشىلىسى دېيىلىدۇ. ئىلگىرى - ئاخىرى ئىككى خىل چەت تىل ئۆگەنگەندە، تەلەپپۇزدىكى بەزى تەلەپلەر بەزىدە كاشىلا قىلىش ھادىسلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبى ئىككى ئوخشاش پائالىيەتنىڭ مەزمۇنىنى توغرا پەرقلەندۈرەلمىگەنلىكتىن بولىدۇ. كاشىلىدىن قۇتۇلۇش ئۇسۇلى تەكرار - تەكرار مەشق قىلىش بىلەن ئەمەلىيەت، ھەمدە ئۆگىنىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش.