Uyghur主要词典
ماھايانا
دۇنيا تارىخى
سانسكرىت يېزىقىدا (ماھايانا) دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ماھايانا بۇددا دىنى دېگەننى كۆرسىتىدۇ. بۇددا دىنىنىڭ دەسلەپكى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ ھەقتىكى تەلىماتلار كۆپىيىپ، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىردە بۇددا دىنىغا ئائىت مەزھەپلەر (ئاۋام مەزھىپى ۋە ئېسىلزادىلەر مەزھىپى) شەكىللەنگەن. تەخمىنەن مىلادى Ⅰ ئەسىردە، بۇددا دىنى ماخاسانگىكاننىڭ بەزى تارماقلىرى ئۆزگىرىپ ماھايانا بۇددىزمنى شەكىللەندۈرگەن. ماھا (ئولۇغ) ھىنايانا (كىچىككە) نسىبەتەن ئېيتىلغان. يانا (كۈلۈڭگۈ - ھارۋا) <توشۇش> دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈپ، ماھايانا (چوڭ ھارۋا) تېخىمۇ كۆپ مۇرىتلارنى سېلىپ، بۇ ئالەمنىڭ قىرغىقىدىن نىراۋانانىڭ قىرغىقىغا توشۇپ كەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ؛ دەسلەپكى بۇددا دىنى ھىنايانا (كىچىك كۈلەڭگۈ) دەپ ئاتىلىدۇ. ماھايانا بىلەن ھىنايانىڭ ئاساسىي پەرقى: دۇنيا قاراشتىن ئالغاندا، ھىنايانا <مەن قۇرۇقتۇرمەن، قائىدە مەۋجۇتتۇر> دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ ماھايانا بولسا <مەنمۇ، قائىدىمۇ قۇرۇقتۇر> دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ. تەرىقەتچىلىكتىن قارىغاندا، ھىنايانا <ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش>نى قۇۋۋەتلەيدۇ؛ ماھايانا <تەڭ قۇتۇلدۇرۇش> نى يەنى ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش بىلەن بىرگە باشقىلارنىمۇ قۇتۇلدۇرۇشنى قۇۋۋەتلەيدۇ. غايىۋى نەتىجىدىن قارىغاندا، ھىنايانا ئارخات بولۇشنى كۆزلەيدۇ، ماھايانا بۇددا بولۇشنى كۆزلەيدۇ؛ ئۆزى بۇددا بولۇپلا قالماي يەنى جىمى جانلىقلارنى قۇتقۇزماقچى بولىدۇ. مىلادى Ⅲ ئەسىردە خاگارجۇنا دېۋا ماديامىكا مەزھىپىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. كېيىن ئاسانگا ۋاسۇباندخۇ بوگاكارا مەزھىپنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئاخىرىدا بۇددا دىنى بىلەن براخمان دىنى بىرىكىپ مەخپىي دىن بارلىققا كەلگەن، ماديامىكا مەزھىپى، يوگاكارا مەزھىپى بىلەن مەخپىي دىن قەدىمكى ھىندىستاندىكى ماھايانا بۇددىزمىنىڭ ئۈچ چوڭ مەزھىپى ئىدى. ماھايانا بۇددىزمى سىرتقا قاراپ بارا - بارا كېڭىيىپ، ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيا، جۇڭگو، ۋېيتنام، ياپونىيە ۋە چاۋشيەن قاتارلىق جايلارغا تارقالغان، ھىنايانا بۇددىزمى ئاساسەن سىرلانكا ۋە شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تارقالغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سانسىكرىتچە
دىن
بۇددا دىنىنىڭ بىر مەزھىپى. ماھايانا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا <ئۇلۇغ كۆلۈڭگۈ> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزھەپتىكىلەر ئۆز مەزھىپىنى گويا بىر چوڭ ھارۋىدا ئولتورغۇچىلار، قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىك خالايىقنىڭ ھەممىسىنى سانسارادىن قۇتقۇزۇپ، نېرۋاناغا يەتكۈزگۈچىلەر دەپ ھېسابلايدۇ.