Uyghur主要词典
مانېسمانن شىركىتى
دۇنيا تارىخى
ئىتتىپاق گېرمانىيىسىدىكى ئېغىر سانائەت مونوپول تەشكىلاtى. ئۇنىڭ تەكتى ئاكا - ئۇكا ماننېسماننلار 1890-يىلى قۇرغان گېرمانىيە - ئاۋسترىيە ماننېسمانن بولات تۇرۇبا شىركىتى ئىدى، بۇ شىركەت گېرمانىيە فاشىستىك ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ تاقاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ ئاساسىي قوللىغۇچىسى بولۇپ، يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىنى تالان - تاراج قىلغان. 1938-يىلى بۇ شىركەتنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچىسى سانگېن فاشىست گېرمانىيىسى ھەربىي تەييارلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە دۆلەت سانائەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، ھەربىي سانائەتنى تەشكىللەش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى تالان - تاراج قىلىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن تارقىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق قايتا بىرلەشكەن. 50-يىللاردىن باشلاپ گېرمانىيە بانكىسى تەرىپىدىن بىۋاسىتە كونترول قىلىنىپ، سانائەت مونوپول تەشكىلاتى بىلەن چوڭ بانكا زىچ قوشۇلۇپ كېتىشنىڭ تىپىغا ئايلانغان. پولات تۇرۇبا، مىخانىزاتسىيە ۋە خىمىيە مەھسۇلاتلىرى قاتالىقلارنى ئىشلەپ چىقارغان. ئۇ مەملىكەت ئىچىدە كونترول قىلغان ۋە مەبلەغ قوشقان كارىانىلار 70 دىن ئاشقان، مەملىكەت سىرتىدىمۇ بىر قانچە ئونلىغان تارماق شىركەتلىرى بولۇپ، خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە گۇرۇھى بىلەن زىچ باغلانغان. باش شىركىتى دورىسلدوفقا جايلاشقان.