Uyghur主要词典
لىزىن
بىئولوگىيە
يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار ۋە ئادەملەردىكى ئېھتىياجلىق ئامىنو كىسلاتا بولۇپ، تەن ئىچىدە سىنتېزلانماستىن چوقۇم سىرتقى مەنبەدىن تولۇقلىنىدۇ. ھايۋانات ئاقسىللىرىدا ئومۇمەن لىزىننىڭ مىقدارى يۇقىرىراق، زىرائەت ئاقسىللىرىدا تۆۋەنرەك بولىدۇ. ئۆسۈملۈك ئاقسىللىرى ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلىنسا، بۇ خىل ئامىنو كىسلاتا تولۇقلانغانلىقتىن، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. مىكرو ئورگانىزملار ۋە ئۆسۈملۈكلەردە ئاسپاراگىنىك كسىلاتانى خام ئەشيا قىلىپ ئۆزلۈكىدىن سىنتېزلىنىدۇ. ياكى ىزىن دى ئامىنو گېپتىل دىئاسىد يالى ئارقىلىق سىنتېزلىنىدۇ. مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئېچىتىشىدىن پايدىلىنىپ لىزىن ئىشلەپچىقىرىلىپ، يېمەكلىكلەرگە قوشۇلسا، ئاقسىللارنىڭ بەدەندە ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ۋە شۇ ئاقسىلنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.