Uyghur主要词典
لىزوزىم
بىئولوگىيە
باكتېرىيە ھۈجەيرە پوستىنىڭ تەركىبى بولغان يېپىشقاق پولى ساخارىدلار ۋە يېپىشقاق پولى پېپتىدلاردىكى N - ئاتسېتىل ئامنوگلۇكولاكتون (NAM) ۋە N - ئاتسېتىل ئامىنوگلۇكوزا (NAG) ئارىلىقىدىكى تۇتاشتۇرغۇچى β - 1، 4 - گلىكوزىد بېغىنى گىدرولىزلايدىغان ئېنزىمدۇر. لىزوزىم NAM - NAG نۆۋەتلەشكەن ئالتە قەنتتىن ئىبارەت كىچىك مولېكۇلىلىق ئاساسىي ماددىغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ. لىزوزىم 124 دانە ئامنوكىسلاتا قالدۇقىدىن تۈزۈلگەن بىر تال پېپتىد بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشى ئېنىقلىنىپ بولغان، بىرىنچى بولۇپ X - نۇرى دىفراكسىيىسىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكىسىيىسى شەرھلەنگەن ئېنزىمدۇر. ئۇنىڭ تەسىر قىلىش مېخانىزمى <ئاكتىپلىق مەركىزى> دىن كۆرۈڭ. بورۇن شىللىق پەردىسى قاتارلىق ھايۋان ھۈجەيرىلىرىدە ۋە چۆپ (خەشەك) تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىق مىكرو ئورگانىزملاردا بولىدۇ. تىببىي - دورىگەرلىكتە ئانتىبوتىكلىق دورا قىلىنىدۇ.