Uyghur主要词典
لىسبوئا ئىسلام دىنى تەشكىلاتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
پورتۇگالىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەشكىلاتى بولۇپ، 6319 - يىلى 3 - ئايدا پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، <غەيرىي سىياسىي خاراكتېرلىك دىنىي مەدەنىيەت تەشكىلاتى> نامىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلدى. مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى چۈشىنىشنى ئاشۇرۇشنى، ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقادىنى قوغداشنى مەقسەت قىلدى. كۈندىلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەمۇرىي كومىتېت تەسىس قىلدى؛ قەرەللىك ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ تۇردى. تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە، ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم قىلدى. مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا مەبلەغ توپلاپ، مەسچىتلەرنى سالدى، تەشكىلاتنىڭ تەرەققىيات فوندىنى كۆپەيتتى. پورتۇگالىيە تىلىدا <ئىسلام دىنى> ناملىق ژۇرنال چىقىرىپ تۇردى.