Uyghur主要词典
لى سۇلالىسىنىڭ ئوردا خاتىرىلىرى
领域: دۇنيا تارىخىچاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ يىلنامە تارىخىي كىتابى. لى سۇلالىسى مەزگىلدە ئوردىدا تارىخىي سارىيى قۇرۇلۇپ، ئەينى دەۋردىكى سىياسىي ۋەقەلەر خاتىرلەنگەن. ئۇنىڭغا تارىخچىلار يازغان تارىخنامىلەر (خان پادىشاھ تارىخلىرى) قوشۇلۇپ، ئوردا خاتىرىسىنى يېزىپ چىقىشتىكى ئاساسىي تارىخىي ماتېرىيالى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە تەيزۇ (1392 - 1398 - يىللىرى تەختتە بولغان) دىن باشلىنىپ جېزۇڭغىچە (1849 - 1863 - يىللىرى تەختتە بولغان) 26 ئەۋلاد پادىشاھنىڭ ئوردا خاتىرىلىرى تۈزۈپ چىقىلىپ، 1708 - جىلد تارىخ تۈزۈپ چىقىلغان. ياپونىيەنىڭ تىزگىنلىشى ئاستىدا، لى ۋاڭجى، گاۋزۇڭ (1863 - 1907 - يىللىرى تەختتە بولغان)، چۈنزۇڭ (1907 - 1910 - يىللىرى تەختتە بولغان)لارنىڭ ئوردا خاتىرىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىپ چىققان. بۇلار جەمئىي 1893 جىلد بولغان. تەختتىن قالدۇرۇلغان. لۇشيەنجۈن، يەنشەنجۈرون، گۇاڭخەيجۈندىن ئىبارەت ئۈچ خاندانلىقنىڭ <تارىخىي خاتىرىسى> دەپ ئاتالغان. ئەمما ئۇنىڭ مەزمون، شەكلى ئوردا خاتىرىسى بىلەن تامامەن ئوخشاپ كېتىدۇ. لى سۇلالىسىنىڭ ئوردا خاتىرىلىرى - لى سۇلالىسىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى، جۇڭگودىكى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تارىخى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئۇمۇمەن مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。