Uyghur主要词典
لىسىپپوس
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىر) قەدىمكى يۇنانلىق ھەيكەلتراش. سىكيوندا (جەنۇبىي يۇناندا) تۇغۇلغان، ئالېكساندر (ئىمپېرتورى) بىلەن زامانداش. شەخسنىڭ خاسلىقىنى ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئادەم تېنى نىسبىتىدە باش قىسمىنىڭ كىچىك، بەدەننىڭ ئۇزۇن بولۇشىغا مايىل بولغان، ئادەم بەدىنىنى جانلىقلىق ۋە كۈچلۈك ئېلاستىكىلىق قىياپەت بىلەن، كۆڭۈلدىكىدەك گۈزەل قىلىپ ياراتقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئالېكساندر پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھەيكىلىنى ياساشقا رۇخسەت قىلغانىكەن. ئۇ كۆپ مەھسۇلاتلىق ھەيكەلتىراش بولۇپ، ئۇ ياسىغان ئالېكساندرنىڭ مىس ھەيكىلى ۋە مەرمەر ھەيكىلى مەشھۇر ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ يەنە ئالېكساندرنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، گرانىك دەرياسى ئۇرۇشى (ئالېكساندنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشىدىكى تۇنجى مۇھىم جەڭ) د ھالاك بولغانلارنىڭ ھەيكىلىنى قويۇپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا ئولىمپېك مۇسابىقىسىدە ئۇتۇپ چىققانلارنىڭ ھەيكىلىمۇ بار ھەمدە زىۋىس، ھېراكلېس قاتارلىقلارنىڭ ھەيكەللىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىپ كەتكەن. ئاپوكيومېنۇس ھەيكىلىنىڭ مەرمەردىن قايتا ئىشلەنگىنى ھازىرغىچە رىم (ۋاتىكان) دا ساقلانماقتا. كېيىن ئۇنىڭ شاگىرتى (رودېس ئارىلىدىكى گارېس قاتارلىقلار) ئۇنىڭ ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، <سىكيون ئىلمىي ئېقىمى>نى شەكىللەندۈرگەن.