Uyghur主要词典
لېئون پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
ئىبېرىئان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى فېئودال پادىشاھلىق، مىلادى 910 - يىلى ئاستۇرىياس پادىشاھلىقى لېئون، گالىتسىيە ۋە ئاستۇرىياستىن ئىبارەت ئۈچ كىچىك پادىشاھلىققا بۆلۈنۈپ كەتكەن. 914 - يىلى لېئون گالىتسيە بىلەن قوشۇلغان؛ 924 - يىلى يەنە ئاستۇرىياس بىلەن قۇشۇلۇپ، لېئوننى پايتەخت قىلىپ، لېئون پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 988 - يىلى كوردوۋا خەلىپىلىكى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. ئالفونسو Ⅴ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (999 - 1027) دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1037 - يىلى كاستىللا پادىشاھلىقى بىلەن قوشۇلغان. 1157 - يىلى يەنە مۇستەقىل پادىشاھلىققا ئايلانغان. 1230 - يىلى ئاخىرى كاستىللا پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن.