Uyghur主要词典
ليۇمېن سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى تەسەۋۋۇپچى خۇفىيە ئىلمى ئېقىمىغا مەنسۇپ تارماق سۈلۈكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنى خۇيزۇ ئابدۇللا قادىر قۇرغان، بۇ كىشى بى جياچاڭ سۈلۈكىنى قۇرغۇچى مازۇڭشىڭنىڭ تۆتىنچى ئوغلى بولۇپ، لەنجۇ شيۈەنباۋ (ليەنخۇاچى) دىكى ليۇ ئائىلىسىگە ئىچ كۈيئوغۇل بولغاچقا، سۈلۈككە ليۇ فامىلىسى ئىشلىتىلگەن. بۇ كىشى ياش ۋاقتىدا دادىسى مازۇڭشىڭدىن ئەرەبچە، پارسچە ۋە دىنىي كىتابلارنى ئۆگىنىپ، يۇقىرى بىلىملىك بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. مازۇڭشىڭ 1672 - يىلى چىڭخەيدىكى خۇاڭجۇڭ رايونىدا ھىدايىتۇللادىن خۇفىيە تەلىمى ئالغاندىن كېيىن، خېجۇدا بى جياچاڭ سۈلۈكىنى قۇردى ھەمدە ئوغلى ئابدۇللا قادىرنى لەنجۇدا خۇفىيە تەلىمىنى تەبلىغ قىلىشقا بۇيرىدى. مازۇڭشىڭ ۋاپات بولغاندا لەنجۇدىكى شچۇەنباۋغا دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭغا ئاتاپ گۈمبەز سېلىندى. ليۇمىن سۈلۈكى <قۇرئان كەرىم> نى ۋە ھەدىسىنى ئېتىقادىنىڭ ئاساسى قىلدى. شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن دىنىي پەرزلەرنى ئادا قىلىش بىلەن تەرىقەت ئىستىقامىتى قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنى تشەببۇس قىلدى. گۈمبەز ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى بۇزۇۋېتىپ، 1985 - يىلى لەنخۇاچى مەسچىتىنىڭ غەربىي تەرىپىگە قايتىدىن سېلىندى.