Uyghur主要词典
لېبېدېۋ
دۇنيا تارىخى
(1866 - 1912) روسىيەلىك فىزىك. سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1891 - يىلدىن باشلاپ موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1900 - يىلى پروفېسسور بولغان. 1911 - يىلى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسىتىگە قاقرشى تۇرغانلىقتىن، پروفېسسورلۇق ۋەزىپىسىدىن ئېستېپا بەرگەن. ئۆمۈر بويى فىزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق مۇۋەپپىقىيىتى نۇرنىڭ قاتتىق جىسىم ۋە گازغا بولغان بېسىمىنى تاپقانلىقى ۋە ئۆلچەپ چىققانلىقى ھەمدە نۇرنىڭ ماددىنىڭ بىر خىل ھالىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقىدىن ئىبارە. بۇنىڭ بىلەن ئېلىكتىر ماگنىت دولقۇنىدا ئېنېرگىيە، ئىمپۇلس ۋە ماسسسنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنى ئسپاتلىغان. ئۇنىڭ پەن تەتقىقات مۇۋەپپەقىيىتى روسىيە فىزىكىسىنىڭ تەررەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.